مۇھەببەتتىكى بېغىشلاش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سۆيگۈ – مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما، ئۇ ئىنسانلارنى كۆرۈنمەس زەنجىردەك بىر – بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ، سۆيگۈ – مۇھەببەت توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا يىگىتلەرنىڭ قېنى قىزىيدۇ، قىزلار مېيىقىدا كۈلگىنىچە خىجىل بولىدۇ، چۈنكى مۇھەببەت ياشلارنىڭ ھورمون ئورگانلىرىنى ئۇرغىتىپ ھورمون ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىقلار سۆيگۈ – مۇھەببىتىنىڭ مېۋىسى بولغان پەرزەنتلىرىگە پەخىرلىنىش، سۆيۈنۈش ئىلكىدە قارىشىدۇ، ياشانغانلار بولسا ئەسلىمىلەر ۋاراقلىرىنى ئۆرىشىدۇ.

مۇھەببەتتىكى بېغىشلاش

بىر دانىشمەن كىشىلەر ئارىسىدىكى سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە جاھان ئارىلاپتۇ، چىڭقىچۈش بىلەن بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ، شەھەرگە كىرىپ ئارىلاپ يۈرۈپ بىر كۆل بويىغا بېرىپ قاپتۇ، قارىسا كۆل بويىدا بويلىرى تال چىۋىقتەك زىلۋا، چىرايلىق بىر قىز يىغلاپ ئولتۇرغىدەك، بۇ قىزنىڭ ئاھ – زارىغا چىداپ تۇرالمىغان دانىشمەن قىزغا يېقىنلىشىپتۇ ھەم ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

ـ ئەي گۈزەل قىزىم، بۇنچە زارىڭ نېمە سەۋەبتىن؟

قىز خىزىر سۈپەت بوۋاينى كۆرۈپ كۆڭلى بىر پەس ئىللىغاندەك بوپتۇ – دە، پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلاپتۇ، بىر ھازادىن كېيىن ئىچى بىر ئاز بوشىغان قىز يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى دانىشمەنگە سۆزلەپ بىرىپتۇ.

قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاۋاتقان دانىشمەن بۇ قىزنىڭ ئۆز مۇھەببىتىگە بولغان سەمىمىي – سادىقلىقىدىن، مۇھەببىتىنى قوغداپ قېلىش جەريانىدىكى قەيسەرلىكىدىن، چىدامچانلىقى ۋە ئۈن – تىنسىز بېغىشلاش روھىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ بىر نەچچە قېتىم كۆز يېشى قىپتۇ.

ـ سەن مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەپسەن، ئۇۋالچىلىققا قاپسەن، سەن ئۆزۈڭنى بېغىشلىغان ئاشۇ ئەرنىڭ يېتەرسىزلىكى پەقەت يوقمۇ؟ دەپ سوراپتۇ دانىشمەن.

ـ يېتەرسىزلىكى بار، خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ! دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىز.

ـ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارمۇ؟ سوراپتۇ دانىشمەن يەنە.

ئارتۇقچىلىقى بار، بىراق بەك ئاز، خۇددى ئاسماندىكى قۇياشقا ئوخشاش.

ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيسەن بالام؟ دەپتۇ دانىشمەن قىزغا ھېسداشلىق قىلىپ.

قۇياش ئاسماندا بىرلا پارلىسا ساناقسىز يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيدۇ ئەمەسمۇ؟ دەپتۇ قىز ياشقا تولغان كۆزلىرىنى دانىشمەنگە تىكىپ.

قىزنىڭ بۇ سۆزى دانىشمەنگە قاتتىق تەسىر قىپتۇ ھەم ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ، ئۇ قىزنىڭ يىگىتىگە بولغان پاك مۇھەببىتىدىن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدە شەخسىيەتسىز، گۈزەل ھەم شۇ قەدەر چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى، سۆيگۈ – مۇھەببەت ئالدىدا چوڭ – كىچىك، قېرى – ياش، باي – گاداي ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى، سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ خۇددى زەمزەم سۈيىدەك ئىنسان روھىغا ئارامبەخش ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ ئۆزئارا يول قويۇش، كەڭ قورساق بولۇش، كەچۈرۈش ۋە ئۈزلۈكسىز بېغىشلاش قاتارلىق پەزىلەتلەر بىلەن مۇجەسسەملىنىپ، مۇكەممەللىشىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قىزغا بەخت تىلەپ كېتىپ قاپتۇ.

سۆيگۈ – مۇھەببەت ئېرىشىشلا ئەمەس بەلكى بېغىشلاش ۋە ئاتا قىلىشتۇر. مۇھەببەتنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق بولۇپ قەلبىمىزگە بۆسۈپ كىرىشىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز، ئەمما مۇھەببەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالغان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈنمەس قۇدرىتى، تەڭداشسىز سېھرى، قارشى تۇرغۇسىز ئىشقى – سەۋداسى بىلەن بىزنى باشقىچىلا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

سۆيگۈ – مۇھەببەت خالىسا قەلبىمىزدە ئىنتايىن چىرايلىق، خۇشپۇراق ئەتىرگۈللەرنى ئېچىلدۇرۇپ، بىزنى شۇ گۈلزارلىقتىكى پەرىشتىگە ئايلاندۇرسا، خالىسا قەلبىمىزدە زىندان ياساپ بىزنى شۇ زىنداننىڭ مەڭگۈلۈك مەھبۇسىغا ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ. سۆيگۈ – مۇھەببەت بەزىدە قەدرىمىزنى ئاسمانغا تاقاشتۇرۇپ، بىزنى مۇھەببەت دۇنياسىغا پادىشاھ قىلسا، بەزىدە قەدىر – قىممىتىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، مۇھەببەت كوچىسىدىكى دىۋانىگە ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ.

ساختىلىق بىلەن تولغان يۈرەكتە بېغىشلاش روھى بولمايدۇ، ئۇنداق يۈرەك چىن مۇھەببەت ئېگىسىدىن پەقەت ‹‹ئېرىشىش››نىلا تەلەپ قىلىپ، ئۇنى سۆيگۈ – مۇھەببەت يولىدا خار ۋە زەبۇنلۇققا تاشلايدۇ. ھەقىقىي مۇھەببەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان كىشى ئەڭ ئاخىرقى نەپسى قالغۇچە ئۆزى سۆيگەن ئادىمى ئۈچۈن شامدەك كۆيۈپ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ ياشايدۇ. ۋۇجۇدىدا سۆيگەن ئادىمى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ ياشاش روھى بولغان ھەر بىر كىشى مۇھەببەت دۇنياسىدا ئەبەدىلئەبەد ھۆرمەتكە، قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:46:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ