سوغان كېسىلى ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوغان:بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان لېكىن سەل قاراشقا بولمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەل

سوغان خەلىقئارادا گېرمانىيە قىزىلى ( German measles ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا بەزىدە يەلتاشما دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئۇ سوغان ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى. بۇ كېسەللىك پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. گەرچە سوغان ئادەتتە كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ماقالىدە سوغان كېسەللىك سەۋەبى، كېسەللىك ئالامىتى، تارقىلىش يولى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئۇيغۇرچە / Uyghurche : سوغان
ئىنگىلىزچە / English : rubella
تۈركچە / Türkçe : kızamıkcık
خەنزۇچە / 汉语 : 风疹

سوغان كېسىلى ھەققىدە
سوغان يەلتاشما يۈزدىكى ئالامەتلەر . رەسىم مەنبەسى: cleveland clinic

 1. كېسەللىك سەۋەبى ۋە ئېتىئولوگىيە

سوغاننىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى سوغان ۋىرۇسى ( rubella virus ) بولۇپ، پەردىسىمان ۋىرۇس ئائىلىسىگە تەۋە، يەككە قاتلىق مۇسبەت زەنجىرلىك RNA ۋىرۇسى. بۇ ۋىرۇس ئاساسلىقى ھاۋادىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بىمارنىڭ بۇرۇن – يۇتقۇنچاق ئاجراتمىلىرى ياكى بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ. سوغان ۋىرۇسىنىڭ بەدەن سىرتىدىكى ھاياتىي كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، ئېتىل ئېفىر، سېزىي خلورىد، ناترىي دېئوكسى خولات قاتارلىقلارغا سەزگۈر كېلىدۇ ھەمدە ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ℃ 56 لۇق شارائىتتا 30 مىنۇتتىلا يوقايدۇ.

 

2. كېسەللىك ئالامەتلىرى

 

سوغاننىڭ ئالامەتلىرى ئادەتتە قىزىش، ئەسۋە چىقىش، لىمفا بەز تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا:

1. قىزىش: بىماردا ئادەتتە تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدە قىزىش كۆرۈلىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 38 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ،1 – 2 كۈن داۋاملىشىدۇ.

2. ئەسۋە: قىزىپ 1 – 2 كۈندىن كېيىن، بىمارنىڭ يۈز قىسمى، بويۇن قىسمى، گەۋدىسى ۋە پۇت – قوللىرىدا سۇس قىزىل رەڭلىك دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 2 – 3 مىللىمېتىر بولىدۇ، باسقاندا رەڭگى ئۆڭىدۇ، قىچىشمايدۇ ياكى يېنىك قىچىشىدۇ. ئەسۋە ئادەتتە 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي يوقايدۇ، ئىز (پىگمېنت چۆكمىسى) قالمايدۇ.

سوغان يەلتاشما بەدەندىكى ئالامەتلەر . رەسىم مەنبەسى: wikipedia
سوغان يەلتاشما بەدەندىكى ئالامەتلەر . رەسىم مەنبەسى: wikipedia

3. لىمفا تۈگۈنى ئىششىش: سوغان بىمارلىرىدا دائىم قۇلاق كەينى، گەجگە، بويۇن تەرەپ لىمفا تۈگۈنى ئىششىش كۆرۈلۈشى ئىھتىماللىقى بولىدۇ ھەمدە باسقاندا ئاغرىيدۇ. لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ئادەتتە ئەسۋە پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى باشلىنىدۇ ھەمدە ئەسۋە يانغاندىن كېيىن بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىش مۇمكىن.

4. بوغۇم ئاغرىقى: چوڭلاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا بوغۇم ئاغرىقى ياكى ياللۇغلىنىش كۆرۈلىدۇ.

يۇقىرىقى تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا، قىسمەن بىمارلاردا يەنە باش ئاغرىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، بۇرۇن ئېقىش، يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق يېنىك زۇكام كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

  3. تارقىلىش يوللىرى

سوغان ئاساسلىقى ھاۋادىكى چاچراندىلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ، مەسىلەن، بىمار گەپ قىلغاندا، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە قويۇپ بەرگەن چاچراندىلاردا ۋىرۇس بولۇپ، قارشى تەرەپ سۈمۈرگەندىن كېيىن يۇقۇملىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارنىڭ بۇرۇن – يۇتقۇنچاق ئاجراتمىلىرى ياكى بۇلغانغان بۇيۇملار ( مەسىلەن، لۆڭگە، ئويۇنچۇق قاتارلىقلار ) بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشمۇ تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سوغان ۋىرۇسى يەنە ھامىلىدارغا ئاياللارغا يۇقۇملىنىدۇ ، بۇ ۋىرۇس بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى، يەنى تۇغما سوغان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ

 

4. ھامىلدارلىقتىكى سوغان كېسىلىنىڭ خەۋپلىرى

ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا سوغان كېسىلىگە يۇقۇپ قېلىش بوۋاقتا تۇغما سوغان يىغىندى ئالامەتلىرى (Congenital Rubella Syndrome) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سىندروم تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • كۆرۈش ۋە ئاڭلاش مەسىلىلىرى ( گاس ياكى كۆرلۈك)

  • تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى

  • ئەقلىي تەرەققىياتتى كېچىكىش

  • تۇغما جىسمانىي كېسەللىكلەر

بۇ سەۋەبتىن، ھامىلدار ئاياللار ۋاكسىنا ۋە ساغلاملىق تەكشۈرۈشلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

5. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

سوغاننىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشتا بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:

1. ۋاكسىنا ئەملەش: نۆۋەتتە سوغاننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل سوغان ۋاكسىنىسى ئەملەش. دۇنيادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە سوغان ۋاكسىنىسىنى بالىلارنىڭ ئىممونىتېت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بالىلىق دەۋىرنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە ئەملىنىدۇ (تۈركىيەدە 9 ئايلىق ۋاقتىدا، 1 ياش ۋاقتىدا ئەملىنىدۇ). بۇنىڭدىن باشقا، ۋاكسىنا ئەملىمىگەن قۇرامىغا يەتكەنلەر، بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغىمۇ ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىش كېرەك.

خەلقئارادا بالىلارغا قىزىل، سوغان، گۈرەن بەز ياللۇغى ۋاكسىنىسى MMR يەنى ئۈچ كېسەللىكنىڭ ۋاكسىنىسى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئەملەنمەكتە. MMR (measles, mumps and rubella) vaccine

2. شەخسىي تازىلىقنى ساقلاش: قولنى پات – پات يۇيۇش، ماسكا تاقاش، بىمارلار بىلەن قويۇق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق شەخسىي تازىلىق ئادەتلىرى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

3. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش: ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق چېنىقىپ بەرسە، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق.

4. ئايرىپ داۋالاش: سوغان بىمارلىرى بايقالغان ھامان دەرھال ئايرىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ باشقىلارغا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارغىمۇ تېببىي كۆزىتىش ۋە زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

 

6. داۋالاش ئۇسۇلى

سوغان ( يەلتاشما ) كېسىلىنى داۋالاشتا ئاساسلىقى كېسەلگە قاراپ داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ، ئادەتتە ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز. بىمار كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى، قاتتىق ھەرىكەت ۋە زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى ساقلاش؛ كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەدەندىكى سۇ تەركىبىنى تولۇقلاش ۋە ۋىرۇسنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قىزىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا مۇۋاپىق قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى بېرىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىش كېرەك.

كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بىمارلار ياكى ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگەن بىمارلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش ھەمدە كەسپىي داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. دوختۇر بىمارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، بۇ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، داۋالاشنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

سوغان كېسىلى ۋىرۇس سەۋەبىدىن كېلىپ چىققاچقا، ئادەتتە ئانتىبىيوتىك بېرىلمەيدۇ. پەقەت ئەگەشمە مىكروپ يۇقۇملىنىش كېلىپ چىققاندا دوختۇرلار تەرىپىدىن باھالىنىپ ئاندىن ئانتىبىيوتىك باشلىنىدۇ.

 

7. ئەگەشمە كېسەللىكلەر ۋە خەۋپ – خەتەر

گەرچە سوغان ( يەلتاشما ) ئادەتتە كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك ھەم ئاقىۋىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن بىمارلاردا ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلۈشى ياكى ئالاھىدە خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن:

1. مېڭە ياللۇغى: ئاز ساندىكى سوغان بىمارلىرىدا مېڭە ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئىپادىسى يۇقىرى قىزىتما، باش ئاغرىش، قۇسۇش، ئەس – ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە كەسپىي داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

2. بوغۇم ياللۇغى: قىسمەن بىمارلاردا سوغان كېسىلى جەريانىدا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن بوغۇم ياللۇغى ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىپادىسى بوغۇم ئاغرىش، ئىششىش ۋە ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئادەتتە كېسەلگە قاراپ داۋالاش ۋە ئارام ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

3. تۇغما سوغان سىندرومى: ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سوغان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا، ۋىرۇس بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، تۇغما سوغان سىندرومىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشى، ئۆلۈك بولۇپ قېلىشى، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار يەلتاشمىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

8.خۇلاسە

سوغان بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، گەرچە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە بىر قەدەر يېنىك ھەم ئاقىۋىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش، شەخسىي تازىلىقنى ساقلاش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يەلتاشمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سوغان ( يەلتاشما ) بىلەن يۇقۇملانغان ھامان، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە كېسەلگە قاراپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتىش ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاھىدە كىشىلەر توپى، مەسىلەن ھامىلدار ئاياللار ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە تەدبىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزى ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ