ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى تۈۋەندىكىچە:
جىنسىي ئىقتىدارى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى
ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش، مەسىلەن بىرگە بولۇش ۋاختى ئازلاش ياكى ئىسپرما بالدۇر كېتىش. بەلكىم بۇ مەزى بېزىنىڭ ياللۇغنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. ئەرلىك جىنسىي ئەزا يىگىلەش بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىچە ئېنىق جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى جىنسىي ئەزا جانلاندۇرىدىغان نېرۋا قان-تومۇر ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئۇزۇن مۇددەتلىك بىئارامسىزلىق بىماردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىپ ئۇلارغا توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ئەنسىرەش ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ كېسەلنى چۈشەنمەيدىغان بىمارلار ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا مەسىلە بار دەپ ئويلىۋالىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى نېرۋا خارەكتېرلىك ئەرلىك جىنسىي ئەزا يىگىلەشنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا قانلىق ئىسپرما كېلىدۇ.
ئىسپېرمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا مەزى بېزى سۇيۇقلىقى، ھەمدە تاشاق، قوشۇمچە ئۇرۇقداندىن چىققان ئۇرۇق چوقۇم ئىسپرما پلازمىسىدىن ئۆتۈپ مەزى بېزى سۇيۇقلىقىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، توشۇلغاندا ئاندىن تۇخۇم بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدىكى مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى دائىملىق تەكشۈرگەندە دائىم ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەن، ئۆلۈش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ تۇغماسلىق نىسبىتى نورمال ئادەملەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
پۈتۈن بەدەنگە بولغان تەسىرى
ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى قىسمەن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا كېسەل پەيدا قىلىپلا قالماي يەنە ئاللېرگىيەلىك رىئاكسىيەلىك رەڭدار پەردە ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، مۇسكۇل ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا دائىم روشەن روھىي ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بىمارنىڭ كەيپىياتى جىددىيلىشىپ، روھىي بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بىماردا ماغدۇرسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئاسان چارچاش، گۇمانخورلۇق، تەشۋىشلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق بىمارلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۇل بۆلۈپ، ھەر تەرەپتىن ئىسپات ئىزدەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. دوختۇر قانچە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرسىمۇ بىمارنىڭ گۇمانخورلۇق پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. گەرچە بىمار دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولسىمۇ لېكىن پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش نىسبەتەن زۆرۈر.
مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن روھىي ئالامەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىچە ئېنىق ئەمەس، روھىي جىددىيلىك نېمە ئۈچۈن مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ؟
مەزى بېزى ياللۇغى يەنە قانداق بولۇپ روھىي پىسخىكا ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؟ بۇلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. روھىي پىسخىكا ئالامەتلەر بىلەن شەخىسنىڭ خۇي ئالاھىدىلىكى بىۋاسىتە ئىچكى باغلىنىشلىق. شۇڭا ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدىكى روھىي پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىگىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بار.