جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر:
(1) جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قىلىش
جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى يەرلىك ئورۇنغا قان يىغىلىپ، ئىششىپ يوغىناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك يولىنى باسقانلىقتىن سىيگەندە قىينىلىش ياكى جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
(2) جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى
مەزى بېزىدىكى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغ ئاسانلا ئۇرۇقدانغا تارقىلىپ، جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەتۈر يۆنىلىشتە لىمفا نەيچىسىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىننىڭ يان دىۋارى ۋە سىرتقى غىلاپىغا كىرىپ قوشۇمچە مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
(3) ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناش ياكى تېگىشىپ ئاغرىش
مەزى بېزى بىلەن ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۇنى داس بوشلۇقىدا ئۆتۈشۈش شېخى بار بولۇپ، مەزى بېزى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغلانغاندا ئۇرۇقدان بېغىغا تۇتۇشۇپ، ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناش ياكى تېگىشىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(4) جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش
جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغلانغاندا مەزى بېزىغا قان يىغىلىپ، سۇلۇق ئىششىق ياكى كىچىك يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىپ، ئىسپرما قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش، ئەرلىك جىنسىي ئەزا قورۇلۇش، قانلىق ئىسپرما كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
(5) جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا بۆرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئالامەتلەر ھەممە بىمارلاردا بولۇشى ناتايىن. بەزىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەقەتلا قىزىش، سۈيدۈك يولى كۆيۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئاسانلا «زۇكام» دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ قالىدۇ. جىددىي خارەكتېرلىك باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىمۇ ئۇرۇقدان ياللۇغى، تاشاق ياللۇغى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى كۆرىلىدۇ.