مەزى بېزى بىمارلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاسرىشىدىكى توققۇز ئۇسۇل:
1. سۇنى كۆپ ئىچىش
سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە سۈيدۈك ئاجرىتىشمۇ كۆپ بولىدۇ. قويۇقلىقى يۇقىرى بولغان سۈيدۈك مەزى بېزىنى غىدىقلايدۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ياخشى بولمىغان غىدىقلىنىش مەزى بېزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. كۆپ سۇ ئىچىش قاننى سۇيۇلدۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا سۈيدۈكنىڭ قويۇقلىقىنى سۇيۇلدۇرىدۇ.
2. سۈيدۈك قىسماسلىق
دۇۋساققا سۈيدۈك تولۇپ سىيگۈسى كەلسە، دەرھال كىچىك تەرەت قىلىش كېرەك. سۈيدۈك قىسىش دوۋساققا ۋە مەزى بېزىغا زىيانلىق. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاۋال كىچىك تەرەت قىلىۋېلىپ ئاندىن ماشىنىغا چىقىش كېرەك. يولدا كىچىك تەرەت قىستىسا دەرھال شوپۇرغا ئەھۋالنى ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ تەرەت قىلىش، ھەرگىزمۇ سۈيدۈك قىسماسلىق كېرەك.
3. جىنسىي مۇناسىۋەتكە چەك قويۇش
مەزى بىزىنىڭ يۇغىناپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياش ۋاقتىدىن تارتىپ دىققەت قىلىش كېرەك. ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال بولۇش، بەك كۆپ بولماسلىقى ياكى مەجبۇرىي چەكلىمەسلىكى كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە مەزى بېزى ئۇزۇن ۋاقىت قان تولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ مەزى بېزى ئۆسىۋېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بولۇپمۇ جىنسىي تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى ياشلىق دەۋرىدە جىنسىي مۇناسىۋەتكە چەك قويۇش كېرەك. مەزى بېزىگە ئۇزۇن ۋاقىت قان تولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەزى بېزىنىڭ تولۇق ئەسلىگە قايتىش ۋە ساقىيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەددىدىن زىيادە چەكلىگەندە چىڭقىلىپ بىئارامسىزلىقنى پەيدا قىلىش ئوخشاشلا مەزى بېزىغا زىيانلىق.
4. ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش
تۇرمۇش بېسىمى مەزى بېزى يوغىناشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. كىلىنكىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇش بېسىمى يېنىكلىگەندە مەزى بېزى ئالامەتلىرى يەڭگىللەيدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئىمكان بار كۆپرەك ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ بېرىش كېرەك.
5. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش
ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش مۇسكۇل ۋە مەزى بېزىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، بىئارامسىزلىقنى تۈگىتىدۇ. دائىم ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ بەرسە مەزى بېزى بىمارلىرىغا ئويلىمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەر كۈنى 2-1 قېتىمغىچە ئەۋرەتنى ئىسسىق سۇدا ھورداش ئېلىپ بارغاندا، ئوخشاشلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
6. پاكىزلىققا دىققەت قىلىش
ئەرلىك ئۇرۇقدان خالتىسى ئاسان تەرلەيدىغان ھەم شامال ئۆتۈشۈش ناچار بولغاچقا، ئاسان كىر ساقلىنىپ قالىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى باكتېرىيە يۇچۇق تېپىپ كىرىۋالىدۇ-دە مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزى يوغىناش، جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاشقا سەل قارىغاندا ئېغىر ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئەۋرەتنىڭ تازىلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قېتىم بىللە بولغاندىن كېيىن تاشقى كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇيۇپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.
7. سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
سوغۇق تاش ئۈستىدە ئولتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى سوغۇقلۇق سىمپاتىك نېرۋا غىدىقلىنىشىنى كۈچەيتىپ، سۈيدۈك يولى ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، تەتۈر يۆنىلىشتە ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. سۈركىلىشتىن ساقلىنىش
ئەۋرەت سۈركەلگەندە مەزى بېزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ بىماردا يېقىمسىزلىنىش بولىدۇ. يەرلىك ئورۇننىڭ زىيانلىق سۈركىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋېلىسپىتكە ئاز مىنىش كېرەك، ئۇزاق ۋاقىت ۋېلىسپىت ياكى موتسكىلىت مىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
9. تۇرمۇشتا رەتلىك بولۇش
مەزى بېزى ۋە دوۋساق بوينىنىڭ قايتا-قايتا قان تولۇپ، يەرلىك ئورۇننىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىمكان قەدەر ھاراق ئىچمەسلىك، مۇچ، قارىمۇچقا ئوخشاش ئاچچىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. چۈنكى قەۋزىيەت مەزى بېزىنىڭ ئىسىلىپ ئاغرىشىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا كەندىر مېغىزى كومىلىچى(麻仁丸) غا ئوخشاش ئۈچەي راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئىچىپ بېرىش كىرەك.
مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبلوگى