ئەرلەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان دەۋىرگە كىرگەندە، مەزى بېزى چوڭىيىش خەۋپىگە دۇچار بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئەرلەردە يۈزلىنىدىغان بىر مەسىلە. شۇڭا مەزى بېزىنى ئاسراش يېقىنقى زامانلاردا ئەڭ دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. مەزى بېزىنى ئاسراشتا يېمەك ئىچمەكتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم؟
مەزى بېزى كېسەللىكى بىمارلىرى يېمەك–ئىچمەكتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
- يېڭى مېۋە – چىۋە ، كۆكتات ، قارا ئاشلىق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپرەك يېيىشى ، ھەسەلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ ، قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش كېرەك .
- مۇۋاپىق مىقداردا كاۋا ئۇرۇقى ۋە گازىر چېقىپ بېرىشى كېرەك .
- سۈيدۈكى ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار دائىم ماش يەپ بېرىشى كېرەك .
- سۇنى كۆپ ئىچىپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك . بۇنداق قىلغاندا سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .