تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تۈركىيەدە تۇغۇلغان بوۋاق بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ۋاكسىنىلارنى ھەقسىز ئەملەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە. بىلەك مۇسكۇلىغا ئەملىنىدۇ.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit B (Hep-B)
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى
BCG ۋاكسىنىسى :
زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا. تۇبىركۇليۇزغا قارشى ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرىدۇ.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: BCG
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
تۇبىركۇليۇز كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى ھەققىدە
بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى، ھەرىكەتسىز پولىئو، ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىرلەشمىسى:
بەزىدە بۇنى بەشلىك بىرلەشمە ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان باكتېرىيە ۋە ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋىرۇس بولغاچقا، ئۆلۈك ۋاكسىنا گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولىدۇ.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: DaBT-İPA-Hib Karma Aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz-Hib-Çocuk Felci
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
- بوغما كېسىلى ۋە بوغما ۋاكسىنىسى
- كۆكيۆتەل كېسىلى ۋە كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى
- قاتما (تېتانوس) كېسىلى
- ھەرىكەتسىز پولىئو ۋاكسىنىسى
- ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى
پولىئو ۋاكسىنىسى (ئېغىزدىن ئىچىلىدۇ.) :
زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە.
بالىلار پارالىچى پالەچ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەملىنىدۇ.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: OPA Oral polio Aşısı
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
بالىلار پارالىچ كېسىلى پولىئو ۋاكسىنىسى ھەققىدە
بىرىكتىرمە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتىرىيىسى ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: KPA Pnömokok Aşısı
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
بىرىكتىرمە ئۆپكە شارچە باكتېرىيسىسى ۋاكسىنىسى ھەققىدە
قىزىل، سوغان، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: KKK Karma Aşı; Kızamık-Kızamıkçık-Kabakulak
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
قىزىل كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى ھەققىدە
سوغان كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى ھەققىدە
قۇلاق ئالدى بېزى ئىششىش ياللۇغلىنىش ۋە ۋاكسىنا ھەققىدە
بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى (تېتانوس)، ھەرىكەتسىز پولىئو ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە. تۆت بىرلەشكەن ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: DaBT-İPA Dörtlü karma aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz- Çocuk Felci
بوغما، قاتما كېسىلى (تېتانوس) ۋاكسىنىسى:
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Difteri-Tetanoz Td: İki hastalığa karşı etkili, karma, ölü bakteri aşısıdır.
ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى:
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە. بىلەك مۈرە مۇسكۇلىغا ئەملىنىدۇ.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit A
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى ھەققىدە
سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى :
زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Suçiçeği.
تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
سۇ چېچىكى كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى ھەققىدە
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىكى بوۋاق بالىلار (بالىلىق دەۋىر) ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا
بەزىدە ئۆلۈك ۋاكسىنا، ھاياتى كۈچى يوقىتىلغان ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تۈركچە: ölü aşı
ئىنگىلىزچە: inactive vaccine
زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا
بۇ بەزىدە تىرىك ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ تۈردىكى ۋاكسىنىلارنىڭ ئىچىدە ئالاقىدار باكتېرىيە ۋەيا ۋىرۇسلار ھايات بولۇپ، پەقەت زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان، بەدەنگە ئەملەنگەندە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ، پەقەت بەدەندە مەزكۈر كېسەللىكنى تونۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىممۇنىتېت قارشىلىق كۈچ شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما ئىچىدىكى باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلار ھېلىھەم جانلىق بولغاچقا، ھامىلدارلارغا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى زىيادە تۆۋەن بىمارلارغا ، ۋە بەزى مۇھىم كېسىلى بار بىمارلارغا ئەملىنىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
تۈركچە: canlı aşı
ئىنگىلىزچە: live vaccine, attenuated vaccine