بەزى بالىلار دائىم زۇكام، ئانگىنا، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۈچەي–ئاشقازان ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
چۈنكى بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى چوڭلارغا يەتمەيدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېنىدە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئالغان ئانتىتېلا بولۇپ، ئاسان يۇقۇملانمايدۇ.
بىراق بەش–ئالتە ئايدىن كېيىن بالا تېنىدىكى ئانتىتېلا خوراپ تۈگەيدۇ، بەدىنى ئىشلەپچىقارغان ئانتىتېلا يەتمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالا ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالا ئىككى ياشقا كىرگۈچە، ھەتتا بەش–ئالتە ياشقا كىرگۈچە داۋاملىشىدۇ.
شۇڭا بالىلارنىڭ ئاسان يۇقۇملىنىدىغان دەۋرىدە ئاتا–ئانىلار ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى، ئۆيدە يۇقىرى نەپەس يولى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بولسا بالىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك.