تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرخانىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك بۆلۈمىنىڭ بىرى بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغان قورساق ئوپېراتسىيەسى ۋە بەزى تېرە، يۇمشاق توقۇلمىلاردىكى كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل. مەزكۇر بۆلۈمنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى، سۈت بېزى، قورساق دىۋارى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى پۇختا ئاساسىي تاشقى كېسەللىكلەر بىلىملىرى ۋە كەڭ دائىرىلىك ئوپېراتسىيە ماھارىتىنى ھازىرلىشى، كۆپ خىل ئوپېراتسىيىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
تاشقى كېسەللىكلەر مېدىتسىنانىڭ ئەڭ قەدىمىي بىر قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغا كەلگىچە بولغان مەزگىلدە، تاشقى كېسەللىكلىرى تەرەققىي قىلىپ كۆپلىگەن تارماق بۆلۈملەرگە ئايرىلغان ۋە بۇ تارماق بۆلۈملەرمۇ تەرەققىي قىلىپ ئاساسي بۆلۈملەر ئارىسىدا يەر ئېلىشقا باشلىدى. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى داۋالاش سىستېمىسىدا ھېلىھەم ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: General surgery department, ssurgery department
خەنزۇچە ئىسمى: 外科, 普通外科
تۈركچە ئىسمى: Cerrahi bölümü, genel cerrahi bölümü
تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ:
1. قورساق كېسەللىكلىرى
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى:ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى دائىم ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قورساق قاتتىق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆت خالتىسى كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، ئۆتكە تاش چۈشۈش ۋە ئۆت خالتىسى ياللۇغى، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش، سېرىقلىق چۈشۈش، قىزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئۆسمىسى: ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى قورساق ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش.
ئۈچەي توسۇلۇش: كېسەللىك ئالامەتلىرى قاتتىق قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، قۇسۇش، تەرەت قىلماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى
قالقانسىمان بەز كېسەللىكى: مەسىلەن:قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى، قالقانسىمان بەز راكى، كېسەللىك ئالامىتى بويۇندا مونەك پەيدا بولۇش، سۈمۈرۈش ياكى يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئاۋازى بوغۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قوشۇمچە قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، قوشۇمچە قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى كۈچىيىپ كېتىش، كېسەللىك ئالامەتلىرى يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسىلى، سۆڭەك ئاغرىش، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. سۈت بېزى كېسەللىكلىرى
سۈت بېزى ئۆسمىسى: سۈت بېزى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىسى ۋە سۈت بېزى راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەمچەك مونىكى، ئەمچەك توپچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش، ئەمچەك ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سۈت بېزى ياللۇغى: ئادەتتە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەمچەك قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش، قىزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. قورساق دىۋارى ۋە چۇقۇق
يىرىق چۇقۇقى: كېسەللىك ئالامىتى يىرىق رايونى ئىششىش ۋە ئاغرىش، ئۆرە تۇرغاندا ياكى كۈچىگەندە ئېغىرلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كېسىك چۇقۇقى: ئوپېراتسىيەدە كېسىلگەن ئورۇندا مونەك پەيدا بولۇپ، ئاغرىيدۇ.
5. تېرە ۋە يۇمشاق توقۇلمىلار كېسەللىكلىرى
تېرە ئۆسمىسى: مەسىلەن:تېرە ياغ بېزى خالتىلىق ئىششىقى، ياغ ئۆسمىسى، قارا پىگمېنت ئۆسمىسى، كېسەللىك ئالامىتى تېرىنىڭ بىنورمال ئۆسۈشى ياكى پىگمېنتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت.
جاراھەت ۋە يۇقۇملىنىش: مەسىلەن، تېرە يېرىلىش، كۆيۈك، يىرىڭلىق ئىششىق، كېسەللىك ئالامەتلىرى يارا ئېغىزى ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش، قىزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6. جىددىي داۋالاش ئەھۋالى
جىددىي قورساق كېسەللىكلىرى: جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك ئۆت خالتىسى ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى تۇيۇقسىز قاتتىق قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىزىش.
جاراھەت: مەسىلەن، سۆڭەك سۇنۇش، ئىچكى ئەزالار زەخىملىنىش، كېسەللىك ئالامەتلىرى زەخىملەنگەن ئورۇن قاتتىق ئاغرىش، ئىششىش، ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە قىلىنىدىغان ئوپىراتسىيلەر تۈرلىرى:
1. قورساق ئوپېراتسىيەسى:
ئاشقازان ئۈچەي يولى ئوپېراتسىيەسى: مەسىلەن:سوقۇر ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئۆت خالتىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئاشقازاننى كېسىپ ئېلىۋېتىش، بوغماق ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىش قاتارلىقلار، ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن:سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش، ئاشقازان راكى، ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىقلار.
قورساق دىۋارى ئوپېراتسىيەسى: مەسىلەن، يىرىق چۇقۇقىنى ياماش ئوپېراتسىيەسى، كېسىك چۇقۇقىنى ياماش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلار ئاساسلىقى قورساق دىۋارىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى قورساق دىۋارىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
2. ئىچكى ئاجراتما ئوپېراتسىيەسى:
قالقانسىمان بەز ئوپېراتسىيەسى: مەسىلەن:قالقانسىمان بەزنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ئاساسلىقى قالقانسىمان بەز ئۆسمىسى، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى كۈچىيىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
قوشۇمچە قالقانسىمان بەز ئوپېراتسىيەسى: قوشۇمچە قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، قوشۇمچە قالقانسىمان بەز بەز ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى.
3. سۈت بېزى ئوپېراتسىيەسى:
سۈت بېزى ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى: سۈت بېزى ئۆسمىسىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، سۈت بېزى راكىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سۈت بېزىنى تولۇق ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى: ئاخىرقى باسقۇچتىكى سۈت بېزى راكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بەلكىم ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
4. تېرە ۋە يۇمشاق توقۇلمىلار ئوپېراتسىيەسى:
تېرە ئۆسمىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش: مەسىلەن، ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ( مەسىلەن، تېرە ياغ بېزى خالتىلىق ئىششىقى )، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ( مەسىلەن، تېرە راكى ) نى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىپ ئېلىۋېتىش.
جاراھەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش: جىددىي خاراكتېرلىك جاراھەتنى بىر تەرەپ قىلىش، مەسىلەن، كېسىلىپ زەخىملىنىش، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش، كۆيۈپ زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تىكىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
5. جىددىي داۋالاش تاشقى بۆلۈمى:
جىددىي قورساق كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش: مەسىلەن، جىددىي خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك قورساق كېسەللىكلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش.
جاراھەتنى بىر تەرەپ قىلىش: تاشقى زەخىملەنگەن بىمارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش، جۈملىدىن سۆڭەك سۇنۇش، ئىچكى ئەزالار زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش.
ئەڭ كۆپ قىلىنىدىغان ئوپىراتسىيىلەر:
1. سازاڭسىمان ئۆسۈكنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Appendectomy ):
جىددىي خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى داۋالاش ياكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ئۇسۇلى:ئەنئەنىۋى قورساقنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسى ياكى مىكرو زەخىملىك قورساق بوشلۇقى ئەينىكى ئوپېراتسىيەسى.
2. ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Cholecystectomy ):
ئۆتكە تاش چۈشۈش، ئۆت خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق ئۆت يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش.
ئۇسۇلى:قورساق بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇل.
3. ئاشقازاننى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Gastrectomy ):
ئاشقازان راكى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلارنى داۋالاش.
ئۇسۇلى:كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن قىسمەن ئاشقازاننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ياكى پۈتۈن ئاشقازاننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئادەتتە ئاشقازان – ئۈچەي يولىنى قايتا قۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4. بوغماق ئۈچەينى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Colectomy ):
مەقسەت:بوغماق ئۈچەي راكى، ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاش.
ئۇسۇلى:قىسمەن بوغماق ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىش ۋە پۈتۈن بوغماق ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەتتە ئۈچەي يولىنى قايتا ياساشقا توغرا كېلىدۇ.
5. يىرىق چۇقۇقىنى ياماش ئوپېراتسىيىسى ( Inguinal Hernia Repair ):
يىرىق قىسمىدىكى چۇقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
ئۇسۇلى:ئەنئەنىۋى ئوچۇق ئوپېراتسىيە ياكى قورساق بوشلۇقى ئەينىكى ئوپېراتسىيەسى.
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئامبۇلاتورىيە خىزمىتى
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. دەسلەپكى دىياگنوز قويۇش ۋە باھالاش:
بىمار تۇنجى قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى كېسەللىك تارىخىنى سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش، تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ( مەسىلەن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، CT ،MRI ) ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالايدۇ.
2. ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق:
ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك بىمارلارنى ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى تەكشۈرۈش، تەييارلىق قىلىش ۋە تەربىيەلەش، جۈملىدىن قان تەكشۈرۈش، شىنديەنتۇ، ناركوز قىلىپ باھالاش قاتارلىقلار.
3. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن زىيارەت قىلىش:
ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بىمار قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈپ، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى تەڭشىشى كېرەك.
4. ساغلاملىق مەسلىھەتى ۋە ئالدىنى ئېلىش:
ئىقتىدارى:ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بىمارلارغا كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى قانداق ئازايتىش ياكى تۇرمۇش سۈپىتىنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا بولغان تەلىپى
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى تۆۋەندىكى ساپا ۋە ماھارەتنى ھازىرلىشى كېرەك:
1. كەسپىي بىلىم: پۇختا تاشقى كېسەللىكلەر نەزەرىيە بىلىملىرى، ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە ۋە پاتولوگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. ئوپېراتسىيە ماھارىتى: ھەر خىل تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى ۋە مەشغۇلاتىنى پىششىق ئىگىلەش، جۈملىدىن قورساقنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسى ۋە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى: مول كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى بولۇپ، ھەر خىل مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر تاشقى كېسەللىكلەر مەسىلىلىرىگە تاقابىل تۇرالايدۇ.
4. پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى: ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئوپېراتسىيە لايىھەسى ۋە كۆزلىگەن ئۈنۈمى توغرىسىدا ئېنىق پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.
قاچان ۋە قايسى ئەھۋاللاردا ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە نومۇر ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
بىماردا تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ:
1. قورساق ئاغرىش: بولۇپمۇ قاتتىق، داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ياكى كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىزىش قوشۇلۇپ كەلگەن قورساق ئاغرىش.
2. قورساق قىسمىدىكى مونەك: ھەرقانداق يېڭىدىن پەيدا بولغان ياكى تەدرىجىي چوڭىيىۋاتقان قورساق قىسمىدىكى مونەك.
3. ھەزىم قىلىش مەسىلىسى: ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، قورساق كۆپۈش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، چوڭ تەرەت قارا كېلىش قاتارلىقلار.
4. ئەمچەك مەسىلىسى: مونەك، ئاغرىش، ئەمچەك توپچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش، تېرە ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ياكى رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5. بويۇندىكى مونەك: بولۇپمۇ نەپەسلىنىش ياكى يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئاۋازى بوغۇلۇش ئەگىشىپ كېلىدۇ.
6. چۇقۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى: يىرىق ياكى قورساق دىۋارىدا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان مونەك پەيدا بولىدۇ.
7. تېرە ۋە يۇمشاق توقۇلمىلاردىكى بىنورماللىق: مەسىلەن، يېڭىدىن پەيدا بولغان ياكى ئۆزگەرگەن تېرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ساقىيىش تەس بولغان يارا ئېغىزى، يۇمشاق توقۇلمىلاردىكى مونەك.
8. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر: مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يارا ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش، سىرغىپ چىقىش كۆپىيىش ياكى قىزىش.
ئەسكەرتىش: ئەگەر مەزكۇر بۆلۈمگە نومۇر ئالالمىغاندا، بەدەندىكى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، نومۇر ئېلىشنى ساقلاپ تۇرماستىن، ئۇدۇل جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە نومۇر ئالمايلا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك!
ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرخانىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۆلۈم بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ۋە داۋالاش ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ كۆپ خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە مۇرەككەپ تاشقى كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسۇل بولۇپ، ئوپېراتسىيە ۋە ئۇنىۋېرسال داۋالاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى پۇختا كەسپىي بىلىم ۋە مول كلىنىكىلىق تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.