ئانا سەھىپەبىلىمبۆلۈملەرجىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى، كۆرىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئالامەتلەر:

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى، تۈركچە ئاتىلىشى، خەنزۇچە ئاتىلىشى قانداق بولىدۇ؟

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى
تۈركچە: Acil hastalıkları bölümü – acil tıp doktoru (acil doktoru)
(ئاجىل بۆلۈمى)
خەنزۇچە: 急诊科 – 急诊科医生、急诊医生
ئىنگىلىزچە: Emergency department – emergency doctor

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دىگەن نىمە؟

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى كۆپىنچە دوختۇرخانىلاردا بولىدىغان بىر بۆلۈم بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا جىددىي پەيدا بولغان، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىكلەرنى ۋە ئالامەتلەرنى كۆرۈپ داۋالايدۇ.

جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئالامەتلەر:

بۇ بۆلۈمدە بەدەندە كۆرۈلگەن جىددىي كېسەللىك ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ. بەدەندە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كېسەللىكلەر ۋەيا ئالامەتلەر مەسىلەن:
• تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كۆكرەك ئاغرىقى،
• قورساق ئاغرىقلىرى،
• بەدەننىڭ باشقا يەردىكى قاتتىق ئاغرىقلار،
• تۇيۇقسىز ئىككى ياكى بىر كۆز كۆرمەسلىك ياكى تۇيۇقسىز غۇۋا كۆرۈش،
• قوش كۆرۈش،
• ھۇشىدىن كېتىش،
• كۆزگە قان تولۇش،
• قۇلاق توساتتىن ئاڭلىيالماسلىق ياكى قۇلاقتىن قان كېلىش
• گەپ قىلالماسلىق،
• كېكەچ،
• تۇيۇقسىز 5 قېتىمدىن ئارتۇق قۇسۇش،
• قان قۇسۇش،
• مەقەتتىن قان كۆپ كېلىش،
• كىچىك تەرەتتە قان كېلىش،
• بۇرۇن قاناپ توختىماسلىق،
• ئاياق باسماسلىق،
• قولى تۇتماسلىق،
• ئۆلۈمدىن قورقۇش ھىس تۇيغۇسى،
• قىززىتمىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ چۈشمەسلىك،
• سۆڭەك سۇنۇش،
• پۇت ياكى قول قايرىلىش،
• بارماق ئۇچلىرى تۇيۇقسىز سۆسۈن رەڭ بولۇش،
• تۇيۇقسىز نەپەس ئالالماسلىق ياكى نەپەستە قىينىلىش،
• ئەسلىدە نورمال بولۇۋاتقان چوڭ تەرەت كىچىك تەرەت تۇيۇقسىز چىقماي بىئارام قىلىش ،
• قان بېسىمى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىش ياكى زىيادە تۆۋەن بولۇپ كېتىش،
• يۈرەك سوقۇشى زىيادە تېزلىشىپ كېتىش ياكى زىيادە ئاستا بولۇپ كېتىش،
• زىيانلىق ھاشارەتلەر، ھەرە، يىلان، چايان، سالجا چېقىۋېلىش، (زەھەرلىك سالجا تۈركىيەدە كۆپ، چېقىۋالغاندا ئۇرۇپ چىقىرۋەتمەي، ئۇدۇل جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك.)
• كوچىدىكى ئىت، مۈشۈك ياكى باشقا ھايۋان ياكى ئادەم تەرىپىدىن مورلاپ ياكى چىشلەپ قانىتىش،
• قاتناش ۋاستىلىرى سوقۇۋېتىش ياكى سوقۇلۇش سەۋەبلىك يىقىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك يارىلىنىش،
• تۇتقاقلىق تۇتۇش،
• ئۆتكۈر بىسلىق جىسىم يارىلىنىش (پىچاق، ئەينەك پارچىسى…) سەۋەبلىك تېرە كېسىلىش قان توختىماسلىق،
• زەھەرلىك ماددا ئىچىۋىلىش،
• كۆيۈك ،
• توك سوقۇۋەتكەندە
• نەپسى توختاپ قېلىش،
• مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يىڭنە سانجىلىش،
• ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى ئۆزىگە زەخىم يەتكۈزۈش تۇيغۇسى بولۇپ تىنىچلانماسلىق،
• بەدەندە تۇيۇقسىز زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسى پەيدا بولۇپ كۆز قاپاقلىرى ئىششىش، ئېغىز ئىچى ئىششىش، نەپەس ئالالماسلىق
• ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بوۋىقىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئازلاپ كەتكىنىنى ھىس قىلغاندا،
• ھامىلدار ئايالنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن قان كەلگەندە،
• ھامىلدار ئايال زىيادە قۇسۇپ ھىچ بىر نەرسە يىيەلمىگەندە،
• ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ئاغرىق پەيدا بولغاندا،
• ھامىلدار ئاياللارنىڭ تولغىقى تۇتقاندا،
• ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۆۋەن قىسمىدىن سۇ كەلگەندە
• ۋە باشقىلار…
…. يۇقاردىكى ئەھۋاللار جىددىي يۈز بەرگەندە، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېرىش كېرەك ياكى شۇ دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلېفون قىلىش كېرەك.

چوڭراق دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ۋە بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دەپ ئايرىم بولىدۇ. بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر يۇقارىدىكىلەر بىلەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئوخشاش بولىدۇ ۋە بۇلاردىن سىرت بەزى  بوۋاقلارغا ، بالىلارغا خاس جىددىي كېسەللىكلەر ئەھۋاللىرى بولىدۇ. ئۇ قىسىمنى بالىلار جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى مەزمونىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز.

بەزى كېسەللەرنىڭ مەسئۇل دوختۇرى شۇ بىمارغا قانداق ۋاقىتتا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كېلىش لازىملىقىنى تاپىلىغان ئەھۋاللاردىمۇ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش لازىم. مەسىلەن: بەزى دوختۇرلار قان سۇيۇقلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىۋاتقان بىمارىنىڭ بەدىنىدە سۆسۈن مورلۇقلار پەيدا بولغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كېلىشنى تاپىلايدۇ. شۇڭا بەدەندە ئېغىر كېسەللىكلىرى بولغان بىمارلار ياكى ھامىلدارلار مەسئۇل دوختۇرىدىن قايسى ئەھۋال ئاستىدا، قايسى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىشنى سورىۋېلىشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

بۇ بەتتىكى مەزموندا تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دىگەن نىمە؟

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى، تۈركچە ئاتىلىشى، خەنزۇچە ئاتىلىشى قانداق بولىدۇ؟

قانداق ۋاقىتتا جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى قايسى كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ؟

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى قايسى ئالامەتلەرنى كۆرىدۇ؟

قانداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
1
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-28 / 10:11:25

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ