ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك يولدىن ئېزىپ قېلىش، ئىشنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئويلايدۇ، ئەمما يېقىندا مەلۇم تور بېكەت ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەر خىل دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىدا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىدا دائىم بىر تىپىك دەسلەپكى ئالاھىدىلىك بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت. يەنى تاتلىق يېمەكلىككە تەشنا بولۇش دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
گەرچە كۆپ ساندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار 60 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن دىياگنوز قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە مۇددەتتىن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ، كۆپ ساندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا 45-65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن.
تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئىنتىلىشتىن باشقا، خاراكتېر ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ خىل بىمارلار ھەمىشە ئاڭسىز ھالدا ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان قىلمىشلارنى قىلىپ قويىدىكەن، قىزىقىشىنى يوقىتىش، ئىش قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل بولۇش بۇ خىل بىمارلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، بۇ خىل «سوغۇقلۇق» ياكى «ھۇرۇنلۇق» بىمارنىڭ كۈندىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە، ھەتتا نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى دوستلار ياكى بەدىنىڭىزدە يۇقىرىقى ئۈچ خىل دېۋەڭلىك ئالامىتى كۆرۈلسە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈڭ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17881196.shtml