ئانا سەھىپەئالامەتلەرتېرە قىسىم ئالامەتلىرىتېرە يىگىلەش ۋە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش

تېرە يىگىلەش ۋە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش

تېرە يىگلەش تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ نېپىزلەپ، ئېلاستىكىلىقى ۋە چىڭلىقىنى يوقىتىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىش بولسا تېرە يۈزىدە قارامتۇل داغ ياكى رايون پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ياش، ئىرسىيەت ئامىلى، مۇھىت ئامىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش مۇۋاپىق داۋالاش لايىھىسىنى تۈزۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

سەۋەبى:

1. ياش:ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە كوللاگېن ئاقسىلى ۋە ئېلاستىك تالالارنى بارا – بارا يوقىتىپ، تېرىنىڭ نېپىزلىشى، بوشىشى ۋە يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاسانلا پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ.

2. ئىرسىيەت ئامىلى:بەزى كىشىلەرنىڭ تېرىسى تۇغما نېپىز بولۇشى ۋە ئاسانلا پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىش خاھىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

3. مۇھىت ئامىلى:ئۇزۇن مەزگىل قۇياش نۇرى ئاستىدا تۇرغاندا، ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ قارا پىگمېنت ھاسىل قىلىپ، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى خىمىيەلىك ماددىلار، سۈركىلىش ياكى ياللۇغلىنىشمۇ تېرىنىڭ يىگىلىشى ۋە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

4. كېسەللىك:بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلى، دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلارمۇ تېرە يىگىلەش ۋە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى:بەزى دورىلار تېرىنىڭ يىگىلىشى ۋە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:

1. كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇر بىمارنىڭ تېرە ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، تېرىنىڭ قېلىنلىقى، ئېلاستىكىلىقى ۋە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىنى باھالايدۇ.

2. تېرىدىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش:بەزى ئەھۋاللاردا، كىچىك بىر پارچە تېرىنى مىكروسكوپ بىلەن تەكشۈرۈپ، باشقا تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

3. قان تەكشۈرۈش:تېرە يىگلەش ۋە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئاجراتما ياكى مېتابولىزم مەسىلىسىنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

4. سوراپ دىئاگنوز قويۇش:بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى، جەمەت تارىخى، دورا ئىشلىتىش تارىخى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش.

داۋالاش ئۇسۇلى:

1. دورا بىلەن داۋالاش:ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا ،ۋىتامىن C ،گىئالۇرونىك كىسلاتا قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

2. لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاش:لازېر نۇرى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى غىدىقلاپ، تېرىنىڭ چىڭلىقى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ. پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشقا نىسبەتەن، لازېر نۇرى ئارقىلىق قارا پىگمېنتنى پارچىلاشقا بولىدۇ.

3. مىكرو يىڭنە بىلەن داۋالاش:تېرىدە كىچىككىنە جاراھەت پەيدا قىلىش ئارقىلىق كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى غىدىقلاپ، تېرىنىڭ چىڭلىقى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ.

4. خىمىيەلىك مۈڭگۈز ماددىسىنى يوقىتىش:كىسلاتالىق ماددىلار بىلەن سىرتقى تېرە قەۋىتىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى تېرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.

5. ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرى:ئۇزۇن ۋاقىت قۇياش نۇرى ئاستىدا تۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش كېرەك.

6. نەملىك ساقلاش پەرۋىشى:نەملىك ساقلاش مەلھىمى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىنىڭ سۇ تەركىبىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، قۇرغاقلىشىش ۋە قورۇق پەيدا بولۇشنى ئازايتىدۇ.

قىسقىسى، تېرە يىگلەش ۋە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇشنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇھىمى ۋاقتىدا داۋالاش ياردىمى ئىزدەپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى بېكىتىش ھەمدە مۇۋاپىق داۋالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-12-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-11 / 10:58:31

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ