ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا ، دائىم زۇكامداش ، قىزىش ، يۆتىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر بوۋاقلارنى رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتمەسلىك لازىم.
تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، ھەر بىر قېتىم رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتكەندە، نۇر زەررىچىلىرىنىڭ بالىلارغا بولغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا تەكشۈرتۈش كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارنى رېنتىگېنغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.