كۆكىرىش قايسى كېسەللىكلەردىن دىرەك بېرىدۇ؟
كۆكىرىش-تېرە ۋە شىللىق پەردىلەردىكى كۆكىرىشنى كۆرسىتىدۇ كۆكىرىش كالپۇك، تىل، ئېغىز شىللىق پەردىسى، بۇرۇن ئۇچى، بويۇن، قۇلاق يۇمشىقى، بارماق (پۇت) لارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدا ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ كۆكىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي سەۋەب قاندىكى ئوكسىدسىزلانغان قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ ئارتىپ كېتىشىدۇر
ئۇنىڭدىن قالسا قاندا غەيرىي ھېموگلوبىن ھاسىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىندۇر. مەسىلەن: فېررى ھېموگلوبېن ياكى سۇلفاھېموگلوبېنلار.
كېسەللىك سەۋەبى ۋە دىياگنوز نۇقتىلىرى:
ئوكسىدسىزلانغان قان قىزىل ئاقسىلنىڭ كۆپىيىشى: ئوكسىدسىزلانغان قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ كۆپىيىشىدىن پەيدا بولغان كۆكىرىش، مەركەز خاراكتېرلىك ۋە ئەتراپ خاراكتېرلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1) مەركەز خاراكتېرلىك كۆكىرىش: بۇ خىلدىكى كۆكىرىشنىڭ ئالاھىدىلىكى پۈتۈن بەدەنلىك بولۇپ، تۆت مۈچە بىلەن يۈز قىسمىدىن باشقا، يەنە شىللىق پەردىلەر بىلەن گەۋدە تېرىلىرىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. كۆكەرگەن ئورۇنلاردىكى تېرىلەر ئىسسىق بولىدۇ.
2)مەركەز خاراكتېرلىك كۆكىرىش: يۈرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان ئارتېرىيە قېنىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تويۇنۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولىدۇ. مەسىلەن: نەپەس يوللىرىنىڭ توسۇلۇشى، ئۆپكە قىسمىدىكى كېسەللىكلەر، كۆكرەك پەردىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار.