تەۋرىتىپ ئۆستۈرۈش
振荡培养
Shake culture
تەۋرىتىپ ئۆستۈرۈش ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا سۇيۇق ئۆستۈرگۈچنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، كولبىلارغا ( كونۇس كولبا ) بۆلۈپ ئوراپ ستېرىلىزاتسىيىلەپ (مىكروپسىزلاندۇرۇپ ) ، سوۋۇتۇپ، مىكرو ئورگانىزىمنى ئەپكىلىپ، ئاندىن تەۋرەتكۈچكە قويۇپ بەلگىلىك تېمپېراتۇرىدا تەۋرىتىلىدۇ. كولبا ئاغزىغا بىر قانچە قەۋەت داكا تىقىلغاچقا، تەۋرىتىش جەريانىدا سىرتتىكى ھاۋا بىلەن كولبا ئىچىدىكى ھاۋا ئالمىشىپ، باكتېرىيىگە يېتەرلىك بولغان ئوكسىگېنگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.
ئۆتىدىغان ھاۋانىڭ مىقدارى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئوكسىگېن خالاش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كولبىغا قاچىلىنىدىغان ئۆستۈرگۈچ مىقدارى بىلەن تەۋرىتىش قېتىم سانىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. تەۋرىتىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى پەن تەتقىقاتتا تېخىمۇ كۆپ ئۆستۈرۈلگەن مىكرو ئورگانىزىم ۋە مېتابولىزىم مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئۇرۇق تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.