نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆزى ئىششىپ قالىدۇ؟ قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تېرىسى مايلىشىپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ چېچى بىر خىل پۇرايدۇ. يۈز يۇيۇپ، چىش چوتكىلىغاندىن كېيىن ياخشىلىنىش بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ كۆز-قاپىقى ئىششىپ كېتىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى بەش سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچىش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچىش ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز ئىششىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ، ئىچكەن سۇ قانچە كۆپ بولسا، ئىششىق شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. كەچ سائەت 11دىن كېيىن پۈتۈن بەدەن مېتابولىزمى ئاستىلايدۇ، بۆرەكنىڭ سۇنى سۈمۈرۈشى ۋە چىقىرىشى ئاستىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. كۆز ئىششىغاندىن باشقا، بەزىدە پۇت-قوللارمۇ ئىششىيدۇ.
2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىغلاش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىغلىغان بولسا، ئىككىنچى كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن كۆز ئىششىيدۇ. ياش تۆككەندە تېرە ئاستىدىكى توقۇلما سۇيۇقلۇقى سىرغىپ چىقىپ، قۇرۇلمىسى بىرقەدەر بوش بولغان قاپاق توقۇلمىسىغا كىرىدۇ، قاپاق توقۇلمىسىنىڭ قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ، توقۇلما سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىپ، كۆز ئېغىرلىشىدۇ.
3. تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش
ئەگەر كەچلىك تاماق ۋاقتىدا تۇزنى بەك كۆپ يەۋەتسە، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز قاپاق ئىششىپ قالىدۇ. تۇز تەركىبىدە ناترىي مول بولۇپ، ناترىي بەدەننىڭ سۇ تەركىبىنى چىقىرىپ تاشلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەردە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، كەچتە بەك تۇزلۇق تاماق يەپ، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە كۆزى ئىششىپ بېلىقتەك بولۇپ كېتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان كۆز ئىششىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمىزنى تەڭشەپ، تۇزسىز يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك.
4. تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا كۆز ئىششىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، كۆز ئىششىپ كۆز ئەتراپى قارىداپ قالىدۇ، تۈنەش بىر خىل سالامەتلىككە زىيانلىق ئادەت، يەنىلا تېزدىن تۈزىتىش كېرەك.
5. بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلۈش
بۆرەك ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم مېتابولىزم ئەزاسى، ئەگەر بۆرەك ئىقتىدارىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، ئېلېكتىرولىتلار تەڭپۇڭسىزلاشسا، سۇ تەركىبى سىرتقا ياخشى چىقالمىسا، ئىششىق پەيدا بولۇپ، كۆز ئىششىپ ئېغىرلىشىپ، يۈز قىسمى چىڭىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ بۆرەك كېسىلى بار- يوقلۇقىنى، سۈيدۈكنى قائىدىلىك تەكشۈرتۈپ، بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.
قاپىقى ئىششىپ قالسا قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
كۆزى ئىششىش كىشىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئاكتىپلىق بىلەن كېسەلنى داۋالاش كېرەك، كېسەللىك ساقايسا، مەسىلە ئاسانلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا دەرھال تۈزىتىش كېرەك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ سۇ ئىچمەسلىك، تۈنىمەسلىك كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/02/19855973.shtml