تىرناق لاكىنىڭ تەركىبىدە %70-%80 پارغا ئايلىنىدىغان ئېرىتكۈچى ، %15 ئەتراپىدا نېيتىراللاشتۇرۇش تالاسى بولۇپ ، ئاز مىقداردىكىسى مايدا ئېرىگۈچى ، كامفورا ، تىتانلىق ئاقارتقۇچ ھەمدە مايدا ئېرىيدىغان بوياق قاتارلىقلار .
![تىرناق لاكىنى قالايمىقان سۈرسە ، راك پەيدا قىلىدۇ](https://dohturlar.com/wp-content/uploads/2020/10/tirnaq-lakini-qalaymiqan-surse-rak-peyda-qilidu.jpg)
سۈپەتسىز تىرناق لاكىنىڭ ئادەم تېنىگە بولغان زىيىنى ناھايتى چوڭ . ئاياللار تىرناق لاكىنى ئىمكانقەدەر ئاز سۈرۈشى ياكى سۈرمەسلىكى كېرەك . ھامىلدار ئاياللار تىرناق لاكىنى قەتئىي سۈرمەسلىكى كېرەك . چۈنكى تىرناق لاكى تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى ، فورمالدېگىد -دېۋىرقاي قاتارلىق راك پەيدا قىلىدىغان ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەر يېمەكلىك بىلەن بەدەن ئىچىگە كىرىپ كەتكەندە كۆز قۇرغاقلىشىش ، باش قېيىش ، تېرىسى ۋە نەپەس يوللىرى غىدىقلىنىپ قۇرغاقلىشىپ كېتىدىغان ، ئېغىر بولغاندا مېڭە نېرىپلىرى زىيانغا ئۇچراپ ، بالا چۈشۈپ كېتىدىغان ، تۆرەلمە غەيرىي بولۇپ قالىدىغان ياكى راك كېسىلى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن .
ئاغرىقلار تىرناق لاكى تولۇق قۇرۇمىغان ئەھۋالدا تېرىگە تېگىپ كەتسە ، كۆز ، قۇلاق ، لەۋ ، بويۇن قاتارلىق ئورۇنلاردا تېرە ياللۇغى پەيدا بولىدىكەن .
تىرناق لاكىنى سۈرگەن قېتىم سانى قانچىكى كۆپ بولسا ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن .