ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكئاياللار گۈزەللىكى ۋە چېنىقىش

ئاياللار گۈزەللىكى ۋە چېنىقىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان تونۇشىمۇ بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ گۈزەل بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ساغلام بولۇشقا ئىنتىلمەكتە

تۆۋەندە خانىم–قىزلارنىڭ كۆكرەك، بەل، قۇرساق، ساغرا قىسىملىرىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

كۆكرەك قىسمىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى:

ئاياللارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ئەرلەر بىلەن ئوخشاشمىغانلىقتىن ئەمەلىي چېنىقىش جەريانىدا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندار سىجىللىقى بىر قەدەر چوڭ بولغان ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولمايدۇ. ئاياللار كۆكرەك قىسمىنى چېنىقتۇرغاندا ئوڭدا يېتىپ كۆكرەكنى كېرىش، ئوڭدا يېتىپ شتانكىنى ئىتتىرىپ كۆتۈرۈش (يېنىك شتانكىنى) قاتارلىق ئۇسۇللارنى كۆپرەك قوللانسا بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا كۆكرەك قىسمى بىلەن كۆكسىنى ئۇۋىلاپ بەرسىمۇ مۇسكۇللىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن ھورمون ئاجرالمىلىرىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ كۆكرىكىنى كېرىپ، قورسىقىنى ئىچىگە تارتىپ يۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

بەل ۋە قورساق قىسمىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى:

قورساق ئادەتتە ھەرىكەت مىقدارى ئازراق بولىدىغان قىسىم بولۇپ، بۇ جايدا ئاسانلا بەزى ئارتۇقچە مايلار توپلىنىپ قالىدۇ. قورساق مۇسكۇلىنى تۈز قىلىش، بەل ئايلانمىسىنى ئىنچىكىلىتىش ئۈچۈن بەزى خانىم–قىزلىرىمىز بانداژ كىيىۋالىدۇ. بۇنىڭدا قورساق بېسىمغا ئۇچراپ، ئۈچەي، ئاشقازان نورمال ھەرىكەت قىلالماي ھەزىم قىلىش، قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ.

بەل–قورساقنى چېنىقتۇرۇش مەشىقلىرىدىن ئوڭدا يېتىپ–قوپۇش(قۇرساق قاتلاش)، ئوڭدا يېتىپ پۇتىنى كۆتۈرۈپ قورساقنى ئىچىگە تارتىش، تىزىنى قۇچاقلاپ قورساقنى ئىچىگە تارتىش قاتارلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

ساغرا قىسمىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى:

ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن داس سۆڭىكى كەڭرەك، ساغرىسى نىسبەتەن چوڭراق بولىدۇ. ئەگەر ساغرا قىسمىدا ئارتۇقچە مايلار توپلانسا، ساغرىسىنىڭ چوڭلۇقى بىلىنىپلا قالىدۇ. بۇنىڭدىن بەزى خانىم–قىزلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېنىقىشقا ئەھمىيەت بەرگەندىلا ماينىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىپ، ئارتۇقچە ماينى سەرپ قىلىۋېتىش ئارزۇسىغا يەتكىلى بولىدۇ.

ساغرا مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشتا پۇتىنى تۈز قىلىپ ئارقىغا، يانغا، ئالدىغا ئۇچۇرۇش ۋە يۇقىرىغا تېپىش قاتارلىق بىرلەشمە مەشىق ھەرىكىتىنى ئىشلەش. يانچە يېتىپ پۇتىنى ھەر خىل شەكىلدە ئۇچۇرۇش، ئارغامچا سەكرەش، تەپكۈچ تېپىش قاتارلىق مەشىقلەرنى ئىشلىسە بولىدۇ.

بۇلاردىن باشقا گۈزەللىك گىمناستىكىسىمۇ ساغلام چېنىقىشىنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.

خانىم–قىزلار ئۆزىدە توغرا، ساغلام بولغان گۈزەللىك قارىشى تىكلەپ، ئۆز بەدىنىنى چىقىش قىلغان چېنىقىش ئۇسۇلى بىلەن روھىي جەھەتتە كۈتۈنۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغانلا بولسا، گۈزەللىك ئۇلارغا مەڭگۈ يار بولىدۇ.

ئاپتور: خوتەن ناھىيە چىرا يېزا توغرىقىغىل كەنتىدىن

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:24:51

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ