ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەرتۆت 4 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

تۆت 4 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ فىلىمدە بىز تۇغۇلۇپ 4 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز.

 

4 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى

4 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى: 39.4 – 43.9  سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

بوي ئۇزۇنلۇقى: 58.0 – 67.8  سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى:  4800 – 8200 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.

 

4 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

4 ئايلىق بوۋاق بىر كۈن ئىچىدە، كۈندۈزى 3-3.5 سائەت، كېچىسى 11-12 سائەتكىچە ئۇخلىشى مۇمكىن.

4 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسى روشەنلىشىدۇ. ئەتراپتىكى جىسىملەرنى ئېنىق كۆرۈشكە باشلايدۇ. نۇرلۇق چىراق مەنبەلىرىگە قاراشقا ئامراق كېلىدۇ. ئاۋاز كەلگەن مەنبەگە بېشىنى بۇراپ دېقىتتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ. بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئاۋاز چىقارغان ئويۇنچۇقلارغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشقا تىرىشىدۇ.

ئەتراپتىكى تەكرار تەكرار چىقىۋاتقان ئاۋازلارغا كۆنۈشكە باشلايدۇ. شۇ ئاۋازلارغا ئەگىشىپ ئاۋاز چىقىرىپ باقىدۇ. بولۇپمۇ كۈلۈشكە ئامراق بولىدۇ. ئەتراپتىكى كىشلەر بولۇپمۇ ئاپىسى، دادىسى بىلەن بىللە بولۇشقا ھېرىسمەن بولىدۇ. ئەتراپقا ئويۇنچۇق قويسا شۇلارنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ. قولىدا نىمە بولسا ئاغزىغا سېلىشقا تىرىشىپ باقىدۇ. ئۈچەيدىكى يەل ئاغرىقلىرى بۇ ئايدا كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ. بۇ ئايلاردا بەزى بوۋاقلارغا چىش چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ سەۋەبلىك تۆۋەن قىزىتمىسى بولۇشى مۇمكىن.

 

4ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى كۆرۈپ چىقىڭ. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.
  2. بۇ ئايدىمۇ ئانا سۈتىنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ تۆمۈر ۋە ۋىتامىن دورىسىنى داۋام قىلىڭ. ئاپتاپقا قاقلاپ بېرىڭ. قۇياش نۇرى ئارقىلىقمۇ بەدەندىكى ۋىتامىن د مىقتارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما ئاپتاپتا بەك ئۇزۇن ۋاقىت قاقلىنىپ كەتمىسۇن.
  3. بوۋاقنىڭ دۈمبىسىنى تۇتۇپ بېرىڭ، پۇت قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، ھەر كۈنى ئاخشام ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. بوۋاققا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ گەپ قىلىپ بېرىڭ.
  4. بۇ ئايدا ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ۋاكسىنىسى بولۇشى مۇمكىن، بوۋاقنىڭ كىلو، بوي، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچىگەچ، ۋاكسىنا ئەھۋالىنى سوراپ بېقىڭ. خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇڭ.
  5. بوۋاقلار تۇتىدىغان ئويۇنچۇق ۋە بويۇملارنى پاكىز تۇتۇشقا تىرىشىڭ. چۈنكى ھەممە نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىشقا باشلايدۇ. ھەم بەك كىچىك ئويۇنچۇقنى بەرمەڭ، تەڭگىلەرنى ۋە كىچىك بويۇملارنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇپ تۇرۇڭ، بولمىسا بوۋاق بۇ كىچىك جىسىملارنى يۈتۈۋېلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
  6. بوۋاقنىڭ ئەتراپىدا ئوچۇق رەڭلىك نەرسىلەرنى قويۇڭ. سىدام ئاپپاق ياكى قاپقارىلا مۇھىتتا تۇرمىسۇن. مەسىلەن بۆشۈكنى رەڭلىك پەردە بىلەن يېپىڭ، ئويۇنچۇقلىرى ھەرخىل رەڭدە بولسۇن، كىيىملىرىمۇ ئىللىق رەڭدە بولسۇن.
  7. بوۋاقنىڭ بەدىنىدە ھەرقانداق بىنورماللىق ھىس قىلسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئالسىڭىز بولىدۇ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:51:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ