ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەربەش 5 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

بەش 5 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ فىلىمدە بىز تۇغۇلۇپ 5 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز. ئەگەر چېيىڭىز تەييار بولغان بولسا، ئىچكەچ بىز بىلەن بۇ مەزموندىن ھوزۇرلىنىڭ.

 

5 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى

5 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى:  40.3 – 44.8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

بوي ئۇزۇنلۇقى:  59 – 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى:  5100 – 9000  گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.

 

5 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

5 ئايلىق بوۋاق بىر كۈن ئىچىدە، جەمئىي 4-6 قېتىمغىچە ئوزۇقلاندۇرۇش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بوۋاق كېچىدە 10-12 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ، 2-3 قېتىم ئويغىنىپ سۈت ئىچىشى مۇمكىن.

 

5 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئوخشىمىغان بىرقانچە ئاساسىي ئوچۇق رەڭلەرنى پەرق قىلالايدىغان بولىدۇ، ئۆز ياخشى كۆرگەن رەڭنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ. چوڭ نەرسىلەردىن ئاستا ئاستا كىچىك ھەجىمدىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. يەرگە ئۇرۇلغان چوڭراق توپنىڭ ھەرىكەت يولىغا كۆزى بىلەن ئەگىشەلەيدۇ. ئاۋاز كەلگەن نوقتىغا ئىتتىك دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرلەيدۇ. ئەتراپدىكى ئادەمنىڭ ئاۋازىنىڭ ھىسسىياتىنى ھىس قىلالايدۇ شۇڭا ئاچچىقلىنىپ گەپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. زىھنى تەرەققىي قىلىدۇ. يىغلىغاندا يېنىغا كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. ئا ۋە ئو غا ئوخشاش ئاۋازلارنى قايتا قايتا چىقىرالايدىغان بولىدۇ. كۈلۈش ۋە يىغلاش ئارقىلىق ھىسسىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ. بەزى بوۋاقلارغا چىش چىققاچقا، يېنىك قىزىتما ۋە ئېغىزى قىچىشىپ جىلە بولۇش يىغلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

5ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. بۇ ئايدىمۇ ئانا سۈتىنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ تۆمۈر ۋە ۋىتامىن دورىسىنى داۋام قىلىڭ. ئانا سۈتى بەلكىم ئەمدى ئاستا ئاستا يېتىشمەسلىككە باشلايدۇ، بەلكىم كىلەر ئايلاردىن باشلاپ قوشۇمچە يېمەكلىك باشلىشىمىز مۇمكىن.
  2. بۇ ئايدا ۋاكسىنا بار يوقلۇقىنى ساقلىقنى ساقلاش مەكىزىدىكى سىستېرالاردىن سورىغاچ، بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى، بوي ئۇزۇنلۇقى ۋە كىلو ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ مەسلىھەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى، كىلو ئېغىرلىقى ۋە بوي ئۇزۇنلۇقى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى باھالاشتا ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىل ھىساپلىنىدۇ.
  3. كىچىك ھايۋانلار بىلەن بوۋاقنى بىر ھۇجرىدا يالغۇز قويماڭ.
  4. ماشىنىڭىز بولسا بوۋاققا ئۇيغۇن بولغان ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئەمما ئەڭ ياخشىسى ئاپىسىنىڭ قولىدا بولغىنى ھەم ئارقا تەرەپتە ئولتۇرغىنى ياخشى.
  5. چىشى چىقىش سەۋەبلىك چىش مىلىكلىرى قىچىشىپ جىلە بولۇپ يىغلىغان بوۋاقلارغا ئىشەنچلىك ماركىدىن چىشلىغۇچ ئېلىپ بېرىڭ، ھەم چىشلىغۇچنى دائىم تازىلاپ يۇيۇپ تۇرۇڭ ۋە بىخەتەر پاكىز يەردە ساقلاڭ.
  6. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى كۆرۈپ چىقىڭ. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:51:11

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ