ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەرئۈچ 3 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

ئۈچ 3 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ فىلىمدە بىز تۇغۇلۇپ 3 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز.

 

3 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى

3 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى: 38.3 – 42.7  سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

بوي ئۇزۇنلۇقى:  57.6 – 65.3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى:  4500 – 7900  گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.

 

3 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

3 ئايلىق بوۋاق بىر كۈن ئىچىدە، كۈندۈزى 3-4 سائەت، كېچىسى 8-13 سائەتكىچە ئۇخلىشى مۇمكىن، كۈندە توپلام 4-8 قېتىمغىچە ئەمدۈرۈش ئىھتىياجى بولىدۇ.

3 ئايلىق بوۋاق دۈمچىلەپ ياتقاندا كۆكرىكىنى كۆتۈرەلەيدۇ. دۈمچىلەپ ياتقاندا، قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قولىنىڭ ھەرىكىنى كۆرۈپ باقىدۇ. بوۋاق ياردەم ئارقىلىق ئوتتۇرالايدۇ. ئولتۇرغاندا بېشى بىر مەزگىل چۈشۈپ كەتمەي تۇتۇپ ئولتۇرالايدۇ، ئاندىن بېشى ئاستا ئاستا ئېغىشقا باشلايدۇ. ئەتراپتىكى ئەشيالارغا ، جىسىملارغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنىدۇ. بوۋاق ئەتراپىدا جىسىملەرنى، ئەشيالارنى كۆرگەن ھامان دېققىتىنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئويۇنچۇقلارنى قولىدا قىسقا ۋاقىت تۇتۇپ تۇرالايدۇ.

مۇڭلۇق ئاۋازلار چىققاندا خوش بولىدۇ. ھەرخىل ئاۋاز چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن ئاڭلاشقا ھېرىسمەن بولىدۇ. قوللىرىدىكى ئىختىيارسىز تۇتۇش ھەرىكەتلىرى ئازلايدۇ. ئۆز خائىش ئارقىلىق تۇتۇش ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

 

3 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى كۆرۈپ چىقىڭ. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.
  2. بۇ ئايدىمۇ ئانا سۈتى يىتەرلىك. باشقا قوشۇمچە ئوزۇقلۇق لازىم ئەمەس. كۆپرەك ئەمدۈرۈپ بېرىڭ. سىزمۇ يېمەكلىككە ئارامغا دىققەت قىلىڭ. شۇندىلا، سۈتىڭىز تولۇق بولىدۇ. بوۋاققا تۆمۈر ۋە ۋىتامى د تولۇقلاپ بېرىڭ. تىزىملىتىغلىق ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىدۇ.
  3. بۇ ئايدا ۋاكسىنا بولسا بولمىسا، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە ئاپىرىپ بوي، كىلو، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچىتىپ تۇرۇڭ. ئەسلىدە ھەر ئايدا ئۆلچىتىپ خاتىرىلەپ تۇرسىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
  4. ئۆيدە قىزىتما ئۆلچىگۈچ ئېلىپ قويۇڭ، بوۋاقلارغا خاس بولغان قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسىنىمۇ زاپاس قىلىپ قويۇڭ.
  5. بوۋىقىڭىزغا كۆپرەك گەپ قىلىپ بېرىڭ. پىچىرلاپ بېرىڭ. بوۋاقنىڭ قول پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىڭ.
  6. بوۋاق يانچىلاپ ، ياكى ئوڭدىسىغا ياتسا بولىدۇ. تەتۈر يېتىپ قالمىسۇن. ئۇزۇن ۋاقىت تەتۈر ياتسا نەپىسى قىسىلىپ قالىدۇ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:51:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ