ساغلاملىقنىڭ ماھىيتى بەدەننىڭ ئەتراپتىكى دۇنيا بىلەن بولغان تەڭپۇڭلىقنى ساقلاشتىن ئبارەت ھەرىكەت- سوغۇقنى يىڭىدۇ
ئادەم ھەرىكەت قىلغاندا قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، بەدەن قىززىيدۇ، جىملىق بولسا بەدەننى سوۋۇتىدۇ. ئادەمگە ھەرىكەتمۇ، جىملىقمۇ مۇھىم، ئېغىر ئەمگەك بېلەن شۇغۇلىندىغانلارغا جىملىق بولمىسا، مۇۋاپىق دەم ئالمىسا كېسەل پەيدا قىلىدۇ.
يەڭگىل مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆپ ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار ھەرىكەتنى كۆپ قىلمىسا كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. ئادەمگە ھەرىكەت ۋە جىملىق ھەر ئىككىلىسى بولغاندا ئاندىن ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بۇلىدۇ.
ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچى ھەر كۈنى جىسمانى ھەرىكەتلەر، جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇلىنىپ بەدەننىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش.
ئادەم ئۈچۈن ساپ ھاۋا، كۈن نۇرى، يامغۇر شىپاللىق دورا ھېساپلىندۇ. ھەر كۈنى ساپ ھاۋادا ياكى كۈن نۇرىدا ھەرىكەت قىلىپ بەرسە قان ئايلىنىش جانلىنىدۇ. چىراي قىزىرىپ رەڭگى روھى چىرايلىق بۇلىدۇ. قول، پۇتقا كۈچ تولىدۇ.
<<ئۇزۇن ئومۇر كوروش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجىربىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى