تۈركىيە ئىستانبۇل بەزمىئالەم دوختۇرخانىسى 2020 يىلى 12 ئايدىكى بەزى ھەقلەر (سۇغۇرتىسىز بىمارلار)
Bezmialem Vakıf Üniversitesi Hastanesi
ھەرقايسى بۆلۈم دوختۇر كۆرۈنۈش ھەققى:
1. ۋىراچ دوختۇر ( ئۇزمان دوختۇر uzman doktor ) تەكشۈرۈش ھەققى: 170 لىرا
2. دوتسىنت ياردەمچى دوختۇر (ياردىمچى دوچەنت دوختۇر yrd. doçent doktor ) ھەققى: 170 لىرا
3. دوتسىنت دوختۇر (دوچەنت دوختۇر doçent doktor ) ھەققى: 200-250 لىرا
4. پروففىسور دوختۇر (prof. doktor ) ھەققى: 320-250 لىرا ئەتراپىدا.
بۇ كۆرۈنۈش ھەققى ئىچىدە نورمال قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش بار. ئەگەر دوختۇر نورمال قان كىچىك تەرەت تەكشۈرسە قوشۇمچە ھەق ئېلىنمايدۇ. ئەگەر ئالاھىدە بىرەر تەكشۈرۈش بولۇپ قالسا قوشۇمچە ھەق ئېلىنىشى مۇمكىن.
10 كۈن ئىچىدە ئوخشاش دوختۇرغا قايتا بىر قېتىم ھەقسىز كۆرۈنۈش (كونترول مۇئەيەنە) ھەققىڭىز بار.
قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن:
1. قورساق قىسىم ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش ( batın ultrason ) ھەققى: 75 لىرا
2. دوپلېر ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش (dopler ultrason) ھەققى: 180 لىرا
باشقا دوختۇرخانىلاردا ئوخشىمىغان باھالاردا بولۇشى مۇمكىن.
بەزمى ئالەم دوختۇرخانىسىدا دوختۇرغا كۆرۈنمەي تۇرۇپ، دوختۇر تەلەپ قىلماي تۇرۇپ ئۇدۇل رېنتىگىن، ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش، سى تى (ب ت) قاتارلىق تەكشۈرۈشلەنى قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم دوختۇرلىرى كۆرگەندىن كېيىن، لازىم بولغاندا يۇقارقى ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشلىرى، رېنتىگىن، سى تى، قان، كىچىك تەرەت ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەنى قىلىدۇ. تۈركىيەدىكى باشقا دوختۇرخانىلاردىمۇ مۇشۇ شەكىلدە ئىش ئېلىپ بېرىدۇ.
مەيلى قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش… قايسىسى بولسۇن، ئاخىرىدا نەتىجىسىدىن بىر نۇسخا ئېلىۋېلىپ ساقلاپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ. بۇ سىزنىڭ ھەققىڭىز، ھەم بەدىنىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش، كېيىن بىرەر ئۆزگىرىش بولسا، سېلىشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن چىقىرىلدى. كېيىن باھالار ئۆزگىرىشى مۇمكىن.