ئايال ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولغاندا، ھامىلدار بولغان ئانا-بالىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش تۈزۈمىنىڭ تەلىۋى بويىچە، دوختۇرخانىدا قان تەكشۈرتكەندە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولۇپ، دوختۇرنىڭ تەلىۋى بويىچە دەرھال ئېرىنىڭمۇ قېنىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئېرىنىڭمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلاندى دوختۇرنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئۇلار ئەنسىرەپ بەش ياشلىق قىزىنىمۇ تەكشۈرتكەن ئىدى، قىزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغانلىقى مەلۇم بولدى
ئۇلار سالپايغان، ئازاپلانغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ، ئاۋال كىمدىن كىمگە يۇققانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەھىمە، ئازاب، دەرت-ئەلەم خۇددى ئەيدىزنىڭ بالىسىدەك تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ھەركىم كۆڭلىدە قانداق يۇقۇملانغاندىمىز، كىم ئاۋال يۇقۇملانغاندۇ، كىم-كىمگە يۇقتۇرغاندۇ، بىز نېمە قىلغان گۇناھىمىزغا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىمىز، بىز ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغانغا قايسى ئىشنى خاتا قىلدۇق، كىم بىزگە زىيانكەشلىك قىلغاندۇ، بىز كىمگە يامانلىق قىلغان بولغۇيتۇق… ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ۋەسۋەسىلىرىنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمەيتت
ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئۆزئارا گۇمان، ئىشەنمەسلىكلىرىنى ئېغىزىدىن چىقىرالمىغان ھالدا، ئىلگىرىتىن ئانچە دىققەت قىلمىغان ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈپ چىقىشتى. ئۆزلىرىدە قان سەۋەپلىك يۇقۇملىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە ئەھۋاللار بىلەن ئۇچراشمىغانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈشتى. ئاخىرىدا ئۇلار دىققىتىنى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىشقا قاراتتى. ئايال ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن، ئەخلاقلىق ئىكەنلىكىگە، بىر ئوبدان ئېرى تۇرسا نىكاھ سىرتىدا باشقىلار بىلەن ئەزەلدىن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولمىغانلىقىغا ئۆز كۆڭلىدە چەكسىز ئىشىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئايال ئېرىنىڭ قاچان قانداق يەردە باشقا ئاياللار بىلەن بىللە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېرىنىڭ كۆزىگە كىرىپلىۋالدى. ئۇلارنىڭ جەڭگى-جىدىلى كۈنسىرى كۈچەيدى. ئىلگىرىكى ئىللىق ئائىلە، قىزغىن مۇئامىلىنى سوغاقلىق قاپلىدى. ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك، ئىشەنچنى يەردە قۇيۇش ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىۋەتتى.
ئەسلىدە، ئەر ئۆيدە ئايالى بولسىمۇ، سىرتتا ئەل-ئاغىينىلىرى بىلەن ئىچىپ مەست بولغاندا، قالايمىقان سورۇنلارغا بېرىپ ئويناپ، نىكاھ سىرتىدا باشقا ئاياللار بىلەن شەھۋەتپەرەسلىك قىلىپ يۈرگەننىڭ «مۇكاپات»ىغا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىدىن خەۋىرى يوق ھالدا ئايالىغىمۇ يۇقتۇرۇپ قويغان ئىدى.
ئەر ئاغىينىلىرى بىلەن ئىچىپ مەست بولغاندا، بىرنەچچە قېتىم باشقا ئاياللار بىلەن بىللە بولغانلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئايالىنىڭ ئالدىدا ئېغىزىدىن چىقارغىسى، ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئاۋال ئۆزىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەن ئالغۇسى كەلمىدى. لېكىن، ئەر ئايالىنىڭ سۇئال-سوراقلىرى ئالدىدا سۈكۈتكە پېتىپ، قىزىرىپ-تاتىرىپ دۇدۇقلاپ قالدى. ئەر ئائىلىسىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۆزى سەۋەپلىك ئىكەنلىكىنى كۆڭلى تۇيۇپ تۇرسىمۇ، «ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگۈدىن چۈشكۈسى كەلمەي»، ، ئەرلەرگە ئوپچە خوتۇن بولىدىغان مەينەت-پاسكىنىلار بىلەن بىللە بولغان ئەخلاقسىزلىقىنى ئايالىغا بىلدۈرگۈسى كەلمىدى. نۇمۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن نۇمۇس قىلغىسى كېلىپ قالغان ئىدى.
بۇ جەرياندا ئېرىنى ئۆزىگە ئەيدىزنى يۇقتۇرغان دېگەن قاراشقا كەلگەن ئايال ئېرىنىڭ مەسلىھەتىگىمۇ سالماي قورسىقىدىكى بالىسىنى ئالدى-كەينىگە قارىماي كەسكىنلىك بىلەن ئالدۇرىۋەتتى. ئاخىرى ئىشەنچ يوقالغان، ئىشەنمەسلىك مەركىزى ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغان بۇ ئائىلىدە مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆڭۈل ئاياشتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئايال روھى-جىسمانىي جەھەتتىكى دەرت-ئازابلارغا چىدىيالماي ئاخىرى بالىسىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى.
ئاجراشقانغا ئەيدىزدىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بالا يىتىم بولىدۇ. ئەر-ئايال ئىككىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولغاچقا، باشقىلار بىلەن قايتىدىن نىكاھلىنىشى بەلكىم ناھايىتى قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىگە ئەيدىز ئەڭ مۇھىم سەۋەپمۇ!؟ ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرسىگە بولغان ئۆزئارا ئىشەنچىنى يەردە قۇيۇش، نىكاھقا ساداقەتسىزلىك قىلىش، نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق، نىكاھتا ھەمرايىغا بېرىشكەن ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ئەر-خوتۇنلارنىڭ نېمىشقا توي قىلغانلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش دېگەندەك تەرەپلەردە بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئەر-خوتۇنلار ئۆزئارا بىر-بىرسىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن توي قىلىدۇ. نىكاھتا ئۆزئارا ئۆمۈرلۈك ھەمرالاردىن بولۇش ئۈچۈن ۋەدىلەر بېرىشىدۇ. نىكاھ توي قىلغان ئەر-ئاياللاردىن ئەرنىڭ خوتۇنىدىن باشقا ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولماسلىقىنى، ئايالنىڭمۇ ئوخشاشلا ئېرىدىن باشقا ئەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولماسلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىدۇ. بۇ ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلغانلار خىيانەت قىلغان، ساداقەتسىزلىك-سەمىمىيەتسىزلىك قىلغانلار ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، بىلىپ تۇرۇپ نىكاھنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلمىغانلار، يەنى نىكاھ سىرتىدا قالايمىقان بىللە بولۇشقانلار قىلغان خاتا قىلمىشىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندى.
شۇڭا ئۇلارنى ئەيدىز ئەمەس، بەلكى نىكاھىغا قىلغان ساداقەتسىزلىك ئاجراشتۇرىۋەتتى. چۈنكى، ئەر ئايالىغا ساداقەتسىزلىك قىلمىغان بولسا، بەلكىم جىنسى مۇناسىۋەت سەۋەپلىك باشقا ئاياللاردىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بۇيەردە ئۇلارنىڭ بالىسى بولسىمۇ نىكاھتىن ئاجرىشىپ، ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئەيدىز ئەمەس، بەلكى نىكاھىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىقى سەۋەپ بولدى. چۈنكى، ئەيدىزدە ھېچ گۇناھ يوق. ئەيدىز ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىسىگە تۇتقان توغرا بولمىغان قىلمىشىدىن پەيدا بولىۋاتىدۇ.
جەمىيەت ئەخلاقنى تەكىتلەيدۇ، قانۇنمۇ ئەخلاقنى تەلەپ قىلىدۇ، مەدەنىيەتمۇ ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەخلاق رەزىللەرچە ئاچكۆزلۈك قىلماسلىقنى، چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىقنى، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتۇپ توغرىلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى، باراۋەرلىك-ئادىللىقنى نامايەن قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن كارى بولماي، ئۆز مەنپەتىنىلا ئويلايدىغان كىشى ئەخلاقلىق ئادەم ھېسابلانمايدۇ. ئەخلاق ئادەملەرگە توغرا-خاتانى، ياخشى-ياماننى ئايرىپ بىرىدۇ.
قىسقىسى، ئەر ئايالىم كۆرمىدى، بىلمەيدۇ دەپ سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن ئويلاپ، ئوينىۋالغان قىلمىشلىرى سەۋەپلىك «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» قانۇنىيىتى بويىچە، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ساقايماس يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزنى جىسمىدا ئېلىپ يۈرۈپ، نىكاھتا قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغاننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. ئۆمۈرلۈك ھەمرايى بولالايدىغان ئايالىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۆز جىسمىدىن ئاپىرىدە قىلغان بالىسىنى كۆز ئالدىدىن يۈتتۈرۈپ قويدى. يامان نىيىتى سەۋەپلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ، بۇ يۇقۇملىنىشنى بىگۇناھ ئايالىغىمۇ تۇتاشتۇردى. تۇرمۇشىمىزغا ئەيدىزنى سۆرەپ كىرگەنلىكىم سەۋەپلىك ئايالىم مىنى تاشلاپ كەتتى دېگەننى ئېغىزىدىن چىقىرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
ئەخلاقسىزلىق مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىمسىزلىك بىلمەي تۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان قىلمىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەخلاقسىزلىق بىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان قىلمىشتۇر. شۇڭا، «قىلدىن كەتتىڭ، قىڭغىر كەتتىڭ، موللاق ئاتتىڭ» بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، «قىڭغىر ئىشنىڭ قىرىق يىل ئۆتسىمۇ ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقى»نى ئېسىمىزدىن چىقارماي، توغرا نىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلمىشىمىزنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايرىيدىغان ئەخلاق ئىگىسىگە ئايلىنايلى. پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ يىراقنى كۆرمەيدىغان ئەخلاقسىزلىققا قاتتىق قارشى تۇرايلى. ئەخلاقنى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشنى توسايدىغان دۈشمىنىگە ئايلاندۇرايلى
مەنبە: تور دۇنياسى