تۈركىيە تېببىي مائارىپ سىستېمىسى دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپىتى ۋە قاتتىق تەلىپى بىلەن تونۇلغان. بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىيىن باسقۇچلىرىنىڭ بىرى تېببىي پەنلەردە مۇتەخەسسىسلىشىش ئىمتىھانى (Tıpta Uzmanlık Sınavı) ، يەنى قىسقارتىلىپ TUS دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر ئىمتىھاندۇر. بۇ ئىمتىھان تۈركىيەدە تېببىي فاكۇلتېتنى پۈتتۈرگەن دوختۇرلارنىڭ ئۆزلىرى قىزىققان مەلۇم بىر تېببىي ساھەدە مۇتەخەسسىس بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئەڭ چوڭ ئۆتكىلى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىمتىھان پەقەت تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەللىك دوختۇرلار ئۈچۈن مەشھۇر بىر تاللاشقا ئايلاندى.

TUS ئىمتىھانىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەھمىيىتى
TUS ئىمتىھانى تۈركىيە ئۆلچەش، تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى (ÖSYM) تەرىپىدىن يىلدا ئىككى قېتىم، ئادەتتە باھار (كۆپىنچە 2-3 ئايلاردا) ۋە كۈز پەسىللىرىدە (كۆپىنچە 8-9 ئايلاردا) ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئىمتىھاننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئالتە يىللىق تېببىي مائارىپنى تاماملىغان دوختۇرلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى سىناش ۋە ئۇلارنى تېببىي ساھەلەر بويىچە مۇتەخەسسىسلىك ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىشتۇر. تۈركىيەدە بىر دوختۇرنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر، ئىچكى كېسەللىكلەر، كۆز كېسەللىكلىرى ياكى رادىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مۇتەخەسسىس بولۇپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، چوقۇم بۇ ئىمتىھاندىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇ ئىمتىھان دۇنيادىكى ئەڭ تەس تېببىي ئىمتىھانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى سوئاللارنىڭ تېببىي بىلىم دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇ ئاساسىي تېببىي پەنلەردىن تارتىپ ئەڭ يېڭى كلىنىكىلىق تەتقىقاتلارغىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمتىھانغا كىرىدىغان نامزاتلار سانى كۆپ، ئەمما داڭلىق دوختۇرخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىش سانى چەكلىك بولغاچقا، رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.
ئىمتىھاننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سوئال تۈرلىرى
TUS ئىمتىھانى ئاساسلىق ئىككى چوڭ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر بىر بۆلەكتە نامزاتلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىقتىدارلىرى سىنىلىدۇ:
- ئاساسىي تېببىي پەنلەر (Temel Tıp Bilimleri): بۇ بۆلۈم بىرىنچى باسقۇچ بولۇپ، ئاساسلىقى ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، گىستولوگىيە (توقۇلمىشۇناسلىق) ، بىئوخىمىيە، مىكروبىئولوگىيە، پاتولوگىيە ۋە فارماكولوگىيە (دورىگەرلىك) قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي 100 سوئال سورىلىدۇ.
- كلىنىكىلىق تېببىي پەنلەر (Klinik Tıp Bilimleri): بۇ بۆلۈم ئىككىنچى باسقۇچ بولۇپ، ئىچكى كېسەللىكلەر، بالىلار كېسەللىكلىرى، تاشقى كېسەللىكلەر، تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى ھەمدە تارماق كېسەللىكلەر بۆلۈملىرى (Küçük stajlar) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۆلۈمدىمۇ 100 سوئال سورىلىدۇ.
ئىمتىھاندا جەمئىي 200 سوئال بار بولۇپ، نامزاتلارغا ھەر بىر بۆلەك ئۈچۈن 150 مىنۇتتىن ۋاقىت بېرىلىدۇ. سوئاللار كۆپىنچە «ئەڭ مۇۋاپىق جاۋابنى تېپىش» ياكى «تۆۋەندىكىلەرنىڭ قايسىسى خاتا» دېگەن شەكىلدە بولۇپ، نامزاتتىن پەقەتلا بىلىمنى ئەستە تۇتۇشنى ئەمەس، بەلكى بېرىلگەن كلىنىكىلىق ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ، دىياگنوز قويۇش ئىقتىدارىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.
TUS غا تەييارلىق قىلىش جەريانى: نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن؟
نۇرغۇنلىغان تېببىي ئوقۇغۇچىلار تېببىي فاكۇلتېتنىڭ 4- ياكى 5- يىللىرىدىن باشلاپلا بۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى ئاساسىي پەنلەر ۋە كلىنىكىلىق بىلىملەرنىڭ ھەجىمى بەك چوڭ بولغاچقا، بىر يىللىق تەييارلىق بەزىدە يەتمەي قالىدۇ. تۈركىيەدە TUS قا تەييارلىق قىلىدىغان مەخسۇس دەرسخانىلار بار بولۇپ، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەمچى كىتابلارنى تەمىنلەيدۇ ۋە قەرەللىك سىناق ئىمتىھانلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
تەييارلىق جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق — بىلىملەرنىڭ دائىم يېڭىلىنىپ تۇرۇشى ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارنىڭ كۆپ بولۇشىدۇر. مەسىلەن، بىر خىل كېسەللىكنىڭ گېنتىكىلىق ئاساسىدىن تارتىپ، ئۇنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىنىڭ مىقدارى ۋە ئەكىس تەسىرىگىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا، نامزاتلار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 سائەتتىن 12 سائەتكىچە كىتاب كۆرۈشى، مىڭلىغان سوئاللارنى ئىشلىشى كېرەك بولىدۇ.
نومۇر ھېسابلاش ۋە مۇتەخەسسىسلىك تاللاش
ئىمتىھان ئېلىنغاندىن كېيىن، ئادەتتە 24 سائەت ئىچىدە سوئاللارنىڭ توغرا جاۋاپلىرى توردا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىمتىھانغا قاتناشقانلار ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى ئاز تولا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ نەتىجىسى بولسا، 3 ھەپتىدىن 1 ئاي ئارىلىقىدا نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نامزاتلار ئالغان نومۇرىغا ئاساسەن «بۆلۈم تەقسىمات» باسقۇچىغا كىرىدۇ.
بۇ بىراز ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ، قاتنىشىش، ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ. تۈركىيىدىكى مېتىسىنادا تاللىغىلى بولىدىغان بۆلۈملەر ۋە ھەر بىر بۆلۈم ئۈچۈن نامزات سانى، بۇ ئىمتىھان ئېلىنىشتىن 1-2 ھەپتە بۇرۇن توردا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلان قىلىنىدۇ. ھەر بىر مۇتەخەسسىسلىك ساھەسىنىڭ نومۇر چېكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە، رادىئولوگىيە، تېرە كېسەللىكلىرى ۋە كۆز كېسەللىكلىرى قاتارلىق، خىزمەت بېسىمى سەل تۆۋەنرەك ساھەلەرنىڭ نومۇر چېكى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەكسىچە، تاشقى كېسەللىكلەر ، بالىلار بۆلۈمىگە ئوخشاش خىزمەت يۈكى ئېغىر ساھەلەرنىڭ نومۇر چېكى سەل تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن.
بىر نامزات تاللىغان ساھەسىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇتەخەسسىس دوختۇر ياردەمچىسى (Uzman asistan doktor) ئۇنۋانى بېرىلىدۇ ۋە ھەقىقىي مۇتەخخەسىس دوختۇر بولۇش يولىدىكى ئەمەلىي مەشىق باسقۇچىنى باشلايدۇ. بۇ باسقۇچ ساھەگە قاراپ 4 يىلدىن 6 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ دوختۇرخانىدا ياردەمچى دوختۇر (Asistan Doktor) سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، ھەم بىلىم ئۆگىنىدۇ، ھەم بېمارلارنى داۋالايدۇ.
چەتئەللىك دوختۇرلار ئۈچۈن TUS ئىمتىھانى
تۈركىيەدە ئوقۇمىغان، ئەمما باشقا بىر دۆلەتتە دوختۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن چەتئەللىك دوختۇرلارمۇ TUS ئىمتىھانىغا كىرەلەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئۈچۈن بىر قەدەم ئارتۇق باسقۇچ بار، ئۇ بولسىمۇ دىپلومنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش (Denklik). بۇنىڭ ئۈچۈن نامزاتلار ئالدى بىلەن تۈرك تىلى سەۋىيەسىنى ئىسپاتلىشى (TÖMER) ۋە دىپلوم بېكىتىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى كېرەك. چەتئەللىك نامزاتلار TUS ئىمتىھانىدا كلىنىكىلىق پەنلەر بۆلىكىدىن يۇقىرى نومۇر ئالسا، تۈركىيەدىكى مائارىپ ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىلىرىدا مۇتەخەسسىسلىك بويىچە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
تۈركىيەنىڭ تېببىي تەجرىبىسى ئىنتايىن مول بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە مۇتەخەسسىسلىك مەشىقىنى تاماملاش بىر دوختۇر ئۈچۈن دۇنياۋى سەۋىيەدىكى بىلىمگە ئىگە بولۇش دېگەنلىكتۇر. بولۇپمۇ تاشقى كېسەللىكلەر ساھەسىدە تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئوپېراتسىيە مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى، ياردەمچى دوختۇرلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ تەجرىبە توپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
دىپلومنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش (Denklik) ئىمتىھانى توغرىلىق كېيىنكى ماقالىلىرىمىزدە تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىمىز.
يۇقارقى مەزمۇنلار تۈركىيە ئالىي مائارىپ كېڭىشى ( YÖK ) ۋە ئۆلچەش، تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى (ÖSYM) نىڭ 2026-يىلىغىچە بولغان تېببىي پەنلەردە مۇتەخەسسىسلىشىش ئىمتىھانى (TUS) غا ئائىت ئەڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرى ۋە يۆنىلىشلىرى ئاساسىدا يىغىنچاقلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان TUS ئىمتىھانىنىڭ سوئال قۇرۇلمىسى، دەرسلەرنىڭ نىسبىتى ۋە چەتئەل تىلى (YDS/YÖKDİL) سەۋىيە تەلىپىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى.
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، تۈركىيەنىڭ سەھىيە ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئېھتىياجلارغا ئاساسەن، ئىمتىھاننىڭ مەزمۇنى، نومۇر ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كلىنىكا بىلەن ئاساسىي پەنلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتىدە ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ چەتئەللىك دوختۇرلارنىڭ دىپلوم ئېتىراپ قىلىش (Denklik) مۇساپىسى ۋە مەكتەپ تاللاش جەدۋىلىدىكى كىرىش چەكلىمىلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، نامزاتلارنىڭ تىزىملىتىشتىن بۇرۇن رەسمىي «ئىمتىھان قوللانمىسى» نى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى ئىنتايىن مۇھىم.
ئەڭ يېڭى، رەسمىي ۋە نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرېسلارنى دائىم زىيارەت قىلىشىڭىزنى ياكى بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز:
[YÖK رەسمىي تور بېكىتى]( https://www.yok.gov.tr ): ئالىي مائارىپ بەلگىلىمىلىرى ۋە دىپلوم ئېتىراپ قىلىش مەسىلىلىرى ئۈچۈن.
[ÖSYM رەسمىي تور بېكىتى]( https://www.osym.gov.tr ): ئىمتىھان ۋاقىت جەدۋىلى، تىزىملىتىش ۋە نەتىجە ئېلان قىلىش ئۈچۈن.
TUS نىڭ كەلگۈسى ۋە تېببىي ساھەدىكى ئورنى
تېببىي بىلىملەرنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، TUS ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنىمۇ يىلدىن-يىلغا مۇرەككەپلىشىپ بارماقتا. ھازىر پەقەت كىتابتىكى بىلىملەرلا ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن بايقالغان تېببىي تېخنىكىلار ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ ئىمتىھان سوئاللىرىغا كىرمەكتە. بۇ نامزاتلارنى دائىم يېڭىلىنىپ تۇرۇشقا ۋە ئوقۇشقا مەجبۇرلايدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تۈركىيەنىڭ سەھىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، TUS پەقەت بىر ئىمتىھانلا ئەمەس، بەلكى بىر دوختۇرنىڭ سەۋر-تاقىتى، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە كەسپىي ئىرادىسىنىڭ سىنىقىدۇر. تۈركىيەدە مۇتەخەسسىس بولۇش جەريانى مۇشۇ قىيىن ئۆتكىلىدىن باشلىنىپ، نەچچە يىللىق جاپالىق خىزمەت بىلەن پىشىپ يېتىلىدۇ. ئەگەر سىز تۈركىيەدە تېببىي ساھە بويىچە يۈكسەلمەكچى بولسىڭىز، TUS سىز جەزمەن ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم دەرۋازىدۇر.


