دىماغ پۈتۈپ قالسا ، كىچىككىنە پىياز پارچىسىنى بۇرۇن تۆشىكىگە باسسا ، ئۈنۈمى ئادەتتىكى دورىلارنىڭكىدىن تىز بولىدۇ .
زۇكامدىن قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالسا ، پىيازنى قاينىتىپ قىزىق پىتى ئىچىۋەتسە تەرلىتىپ قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ، زۇكامنى ساقايتىدۇ .
بەش تال زەنجىۋىل بىلەن 10 تال غولپىيازنى 20 مىنۇت سۇغا چىلاپ ئاندىن قاينىتىپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە ، زۇكام ، بەلغەملىك يۆتەل ، قۇسۇش ، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۇنۇمى بولىدۇ .
پىيازنىڭ تەركىبىدە گۈڭگۈرت ماددىسى ۋە بەدەنگە كېرەكلىك ۋىتامىنلار مول بولغاچقا ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىۋېتىپ مۇسكۇل تېرىلەرنى تازىلاپ ، قېرىلىق دېغىنى ئازايتىپ ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ .
ئۇيقۇ كەلمىگەندە ، توغرالغان پىيازنى ياستۇق يېنىغا قويۇپ قويسا ، ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ .
پىيازنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا قان بېسىم قاندىكى ماي ۋە قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، ئادەمنىڭ ئىممونت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ .
پىيازنى پۇشۇرۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ، قان سىيىش كېسەللىكىگە ئۇنۇمى بولىدۇ .