بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ????
باش ئايلانمىسى: 32-37 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 46.3 – 53.4 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 2500 – 4400 گرام
ھەرىكەتچان بولىدۇ، پۇت قوللىرى نورمال راھەت ھالەتتە بولىدۇ. ئاڭلاش سېزىمى ساغلام بولىدۇ. ئەتراپتىكى جىسىملەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئەتراپتا نۇر بولسا، نۇر مەنبەسىگە تىكىلىپ قارايدۇ. سۈت ئېمىش ھەرىكىتى بولىدۇ، جىسىملارنى قولىغا تەككۈزگەندە ئىختىيارسىز تۇتۇش ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. ئەتراپتىكى ئىنسانلارغا سوتسىيال ئىنكاسلارنى قايتۇرمايدۇ، ئەمما ئادەملەرنىڭ يۈزىگە كۆزىنى، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. ❤️️
ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.