ئانا سەھىپەبىلىمبۆلۈملەرمېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مېڭە تاشقى بۆلۈمى بەزىدە يەنە نېرۋا تاشقى بۆلۈمى ياكى مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بۆلۈم مېدىتسىنا ساھەسىدە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ( چوڭ مېڭە ۋە يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ۋە داۋالايدىغان تاشقى كېسەللىكلەر تارمىقى ھېساپلىنىدۇ. مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ئادەتتە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ھەر خىل نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەسىلەن:مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە قان تومۇرى نورمالسىزلىقى، نېرۋا زەخمىسى، باش مېڭە تاشقى زەخمىسى قاتارلىقلار. ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى مىكرو ئوپىراتسىيە، ستېرېئولۇق يۆنىلىش بەلگىلەش ئوپېراتسىيەسى، ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەلىرى مىكرو زەخىملىق ( ئاز زەخىملىق ) ئوپىراتسىيىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى: مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى, نېرۋا تاشقى بۆلۈمى, مېڭە تاشقى بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Neurosurgery department
تۈركچە ئىسمى: Beyin ve Sinir Cerrahi bölümü, Nöroşirüji bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 脑外科, 神经外科

 

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ نىشانى بىمارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئوپېراتسىيەلەر ئاغرىقنى يوقىتىدۇ، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ھەتتا كۆرۈش قۇۋۋىتى ياكى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قۇتقۇزىدۇ. مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن، مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دوختۇرلاردىن مول بىلىم، كامالەتكە يەتكەن تېخنىكا ۋە يۈكسەك كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى چېتىلىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر كەڭ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم ئاساسلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

مېڭە ئۆسمىسى : ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، يېلىم ماددا ئۆسمىسى، مېڭە پەردە ئۆسمىسى، ئاڭلاش نېرۋا ئۆسمىسى قاتارلىقلار. ئۆسمىنىڭ تۈرى، ئورنى ۋە چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسەن، ئوپېراتسىيە ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، قىسمەن رادىئاتسىيىلىك داۋالاش ياكى خىمىيىلىك داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشكە چېتىلىشى مۇمكىن.

ئارتېرىيە ئۆسمىسى : مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى مېڭە قان تومۇر دىۋارىنىڭ قىسمەن كېڭىيىشى بولۇپ، جانغا زامىن بولىدىغان مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە ئادەتتە ئارتېرىيە ئۆسمىسىنى قىسىش ئوپېراتسىيىسى ياكى قان تومۇر ئىچكى كەپلەشمىسى ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باش سۆڭىكى زەخىملىنىش : سىرتقى كۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغان باش قىسمى زەخىملىنىش، مېڭىگە قان چۈشۈش، باش سۆڭىكى سۇنۇش ياكى مېڭە توقۇلمىلىرى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە بىر تەرەپ قىلىش بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئوپېراتسىيەسى، قانلىق ئىششىقنى تازىلاش ۋە باش سۆڭىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش : ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقسا يىلىك ياكى نېرۋا يىلتىزىنى بېسىپ، ئاغرىش، ئۇيۇشۇش ياكى پالەچ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ياكى ئومۇرتقا تاختىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق ئاغرىق زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

مېڭە قان تومۇر غەيرىيلىكى : مەسىلەن:ئارتېرىيە – ۋېنا غەيرىيلىكى ( AVM )، بۇ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بىنورمال قان ئېقىمى مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئادەتتە كېسىپ ئېلىۋېتىش ياكى قان تومۇر ئىچىدە داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باشقا كېسەللىكلەر ۋە ئوپىراتسىيىلىرى

 

قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بارىدۇ؟

بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، تۆۋەندىكىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى سىگناللار:

قاتتىق باش ئاغرىش : بولۇپمۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتتىق باش ئاغرىقىغا قۇسۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىش ياكى ئەس ھوشىنى يوقىتىش ئەگىشىپ كېلىدۇ، بۇ ئارتېرىيە ئۆسمىسى ياكى مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

تۇتقاقلىقنىڭ قوزغىلىشى : بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم قوزغالغان تۇتقاقلىق ياكى كونترول قىلىش تەس بولغان تۇتقاقلىق مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ غەيرىيلىكى ياكى باش قىسمىنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش ياكى ئۇيۇشۇش : بولۇپمۇ بىر تەرەپتىكى پۇت – قول تۇيۇقسىز ماغدۇرسىزلىنىش ياكى ئۇيۇشۇش سەكتە ياكى مېڭە ئۆسمىسىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن، شۇڭا دەرھال باھالاش كېرەك.

ئەس – ھوشىنى يوقىتىش ياكى داۋاملىق ھوشىدىن كېتىش : مېڭىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك زەخىملىنىشى ياكى ئېغىر كېسەللىك ئۆزگىرىشى، مەسىلەن، مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە چۇقۇقى ياكى زەھەرلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

كۆرۈش سېزىمى ياكى سۆزلەش توسالغۇسى : تۇيۇقسىز ياكى تەدرىجىي ئېغىرلاشقان كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىش ياكى سۆزلەش قىيىنلىشىش مېڭىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، مەسىلەن، مېڭە ئۆسمىسى ياكى كۆرۈش نېرۋىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى.

باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار…

 

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسى مەسئۇلىيىتى

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسى دوختۇرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى كەڭ دائىرىدە بولۇپ، دىئاگنوز قويۇشتىن تارتىپ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى باشقۇرۇشقىچە كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

دەسلەپكى دىياگنوز قويۇش ۋە باھالاش : كېسەللىك تارىخى، بەدەن تەكشۈرۈش ۋە تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، بىمارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەرنى بېكىتىش ھەمدە ئوپېراتسىيە قىلىش – قىلماسلىقنى قارار قىلىش كېرەك.

ئوپېراتسىيە پىلانى تۈزۈش : بىمارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، خاسلاشتۇرۇلغان ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئوپېراتسىيەنىڭ خەتىرى، مۇمكىن بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ۋە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن نەتىجىنى ئويلىشىش كېرەك.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى پەرۋىش ۋە زىيارەت قىلىش : ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش ھەمدە ئېھتىياجغا ئاساسەن داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشەش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، دوختۇر يەنە بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بىمارلارغا تەربىيە بېرىش ۋە مەسلىھەت بېرىش : بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا كېسەللىكنىڭ خاراكتېرى، داۋالاش تاللىشى ۋە ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىدىغان داۋالاش تەدبىرىنى بەلگىلىشىگە ياردەم بېرىش.

باشقىلار…

 

مېڭە تاشقى بۆلۈمى جىددىي داۋالاشقا تىگىشلىك بولغان كېسەللىكلەر

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە جىددىي داۋالاش ئادەتتە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالغا چېتىلىدۇ:

ئۆتكۈر مېڭە قاناش : ئەگەر ئارتېرىيە ئۆسمىسى يېرىلىپ كەتسە ياكى مېڭىگە قان چۈشسە، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىپ قان توختىتىپ، مېڭىنىڭ يەنىمۇ زەخىملىنىشى ۋە جانغا زامىن بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۆتكۈر قاتتىق پەردە ئاستى ياكى قاتتىق پەردە سىرتى قانلىق ئىششىقى : ئادەتتە باش قىسمى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، قانلىق ئىششىق يىغىلىپ مېڭە توقۇلمىلىرىنى بېسىپ، باش ئىچى بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق قانلىق ئىششىقنى تېز تازىلاپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

مېڭە چۇقۇقى : باش ئىچى بېسىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، مېڭە توقۇلمىلىرى بېسىلىپ نورمال ئورۇننىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، دائىم مېڭىگە قان چۈشۈش، ئۆسمە ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى مېڭە سۇلۇق ئىششىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك.

ئۆتكۈر يىلىك بېسىلىش كېسىلى : ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، ئومۇرتقا ئۆسمىسى ياكى سۆڭەك سۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان يىلىك بېسىلىش، ئەگەر ۋاقتىدا بىكار قىلىنمىسا، مەڭگۈلۈك پالەچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مېڭىگە سۇ يىغىلىش : جىددىي خاراكتېرلىك مېڭىگە سۇ يىغىلىشنى مېڭە ئۆسمىسى، قاناش ياكى يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئاققۇزۇش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق مېڭە سۇيۇقلۇقىنىڭ بېسىمىنى تېز يېنىكلىتىش كېرەك.

باشقا مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئەھۋاللار…

 

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر تارىخى

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، نۇرغۇن ئىجادىي شەخسلەر ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا چېتىلىدۇ. ھازىرقى زامان مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى ھارۋىي كۇشىن ( Harvey Cushing ) بولۇپ ، ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىنچىكە مىكرو ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ناركوز قىلىش ۋە ئوپېراتسىيە جەريانىدا نازارەت قىلىشنى ياخشىلاپ، مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ۋە كلىنىكىلىق ئەمەلىيىتى ھازىرقى زامان نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئۈچۈن ئاساس سالدى ھەمدە ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان نۇرغۇن تېخنىكىلارنى ياراتتى.

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ تەرەققىياتى يەنە تەسۋىر ئىلمى تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن كەلگەن. مەسىلەن: CT ،MRI قاتارلىقلارنىڭ كەشپىياتى مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى توغرا بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 21 – ئەسىردە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى ۋە ماشىنا ئادەم قوشۇمچە ئوپېراتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتى مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

 

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كۆپ ئۇچرايدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى

مېڭە تاشقى بۆلۈمى دىئاگنوز قويۇش ۋە ئوپېراتسىيە پىلانلاشتا كۆپ خىل ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىدۇ، تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم ئاساسلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى:

ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ( MRI ) : يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مېڭە ۋە يىلىك سۈرىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆسمە، قان تومۇر نورمالسىزلىقى، مېڭە توقۇلمىلىرى زەخىملىنىش ۋە باشقا قۇرۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. فۇنكسىيىلىك MRI ( fMRI ) يەنە مېڭە رايونىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى باھالاپ ،ئوپېراتسىيە پىلانىنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

كومپيۇتېردا ئۈزۈك قاتلاملىق تەسۋىر كۆچۈرۈش ( CT ) : CT تەسۋىر كۆچۈرۈش مېڭە قىسمىنىڭ توغرا كەسمە يۈز سۈرىتىنى تېز سۈرەتتە تەمىنلەيدۇ، بولۇپمۇ جىددىي داۋالاش ئەھۋالى ئاستىدا، قان چىقىش، سۆڭەك سۇنۇش ياكى چوڭ كۆلەملىك زەخىملىنىشنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. كۈچەيتىلگەن CT سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش دورىسىنى ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق قان تومۇر ۋە يۇمشاق توقۇلمىلارنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

مېڭە قان تومۇرلىرىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ( Cerebral Angiography ) : ئارتېرىيە ئىچىگە سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش دورىسى ئۇرغاندىن كېيىن ،X نۇرى ئارقىلىق مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ تەپسىلىي سۈرىتىنى تارتىدۇ، ئادەتتە ئارتېرىيە ئۆسمىسى، قان تومۇر غەيرىيلىكى ياكى قان تومۇر تارىيىشىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ( EEG ) : مېڭە ئېلېكتر ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مەنبەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈپ ،ئوپېراتسىيە لايىھىسىنى تۈزۈشكە ياكى تۇتقاقلىققا قارشى دورىلارنى تاللاشقا ياردەم بېرىدۇ.

PET – CT دا تەسۋىر كۆچۈرۈش : پوزىترون قويۇپ بېرىش ئۈزۈك قاتلاملىق تەسۋىر كۆچۈرۈش ۋە CT ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ،ئۆسمىنىڭ مېتابولىزم ئاكتىپلىقى ۋە ئۇنىڭ مېڭىدىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۆسمىنىڭ ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇنقى ئورنىنى توغرا بېكىتىشكە ياردىمى بولىدۇ.

باشقا تەكشۈرۈشلەر…

 

مېڭە تاشقى بۆلۈمى دائىم قىلىدىغان ئوپېراتسىيە ۋە مۇھىم ئوپېراتسىيىلەر

تۆۋەندىكىسى مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان مۇھىم ئوپېراتسىيە ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى:

باش ئىچى ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Intracranial Tumor Resection ) : بۇ ئوپېراتسىيە مېڭىدىكى ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئوپېراتسىيەنىڭ مۇرەككەپلىكى ئۆسمىنىڭ ئورنى، چوڭ كىچىكلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم مېڭە قۇرۇلمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىق. ئوپېراتسىيەدە مىكرو ئوپېراتسىيە ۋە يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، توغرىلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ساغلام توقۇلمىلارغا بولغان زەخىملىنىشنى ئازايتىش مۇمكىن.

ئارتېرىيە ئۆسمىسىنى قىسىش ئوپېراتسىيىسى ( Aneurysm Clipping ) : باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق، ئارتېرىيە ئۆسمىسىنىڭ بوينىغا بىر مېتال قىسقۇچ قويۇپ، ئۇنىڭ يېرىلىپ مېڭىگە قان چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ خىل ئوپېراتسىيەدە توغرا بولغان مىكرو تاشقى كېسەللىكلەر تېخنىكىسى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

مېڭە ئارتېرىيە – ۋېنا غەيرىيلىكىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Arteriovenous Malformation Resection ) : ئارتېرىيە – ۋېنا غەيرىيلىكى قان تومۇرلارنىڭ بىنورمال ئۇلىنىشى بولۇپ، مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە بىنورمال قان تومۇرلارنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، قاناش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. غەيرىيلىك كۆپ خىل مۇھىم مېڭە قۇرۇلمىسىغا چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوپېراتسىيە دائىم ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى مۇرەككەپ پىلانغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ( Discectomy ) : ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ يىلىك ياكى نېرۋا يىلتىزىنى باسقاندا، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى زۇلۇم قىسمىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاغرىق ۋە نېرۋا ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىدە كۆپىنچە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، كىچىك كېسىك ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ستېرېئولۇق يۆنىلىشلىك مېڭە ئوپېراتسىيىسى ( Stereotactic Brain Surgery ) : بۇ خىل تېخنىكىدا ئۈچ ئۆلچەملىك كوئوردېنات سىستېمىسى ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قورالى يېتەكلىنىپ، مېڭىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى توغرا بېكىتىلىدۇ ۋە داۋالىنىدۇ، مەسىلەن، كىچىك تىپتىكى ئۆسمە ياكى تۇتقاقلىق ئوچىقى. ستېرېئولۇق يۆنىلىشلىك ئوپېراتسىيەنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، چوڭقۇر قىسىمدىكى ياكى يېقىنلىشىش تەس بولغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

مېڭىگە سۇ يىغىلىش ئوپېراتسىيەسى ( Ventriculoperitoneal Shunt ) : مېڭىگە سۇ يىغىلىش مېڭە سۇيۇقلۇقىنىڭ بىنورمال يىغىلىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ، تارقاقلاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مېڭە سۇيۇقلۇقىنى قورساق بوشلۇقىغا ئاققۇزۇش ئارقىلىق باش ئىچى بېسىمىنى ئازايتىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىدۇ. بۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان مېڭىگە سۇ يىغىلىپ قالغان بىمارلارغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.

 

مېڭە تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئالاقىدار باشقا نۇقتىلار

مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بىلەن كۆپ پەنلەر ھەمكارلىقى ( Multidisciplinary Collaboration ) : مېڭە تاشقى بۆلۈمى ئادەتتە باشقا مېدىتسىنا ساھەسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ، مەسىلەن، نېرۋا بۆلۈمى، رېنتگېن بۆلۈمى، ئۆسمە بۆلۈمى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى. كۆپ پەن كوللېكتىپىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق، تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە خاسلاشقان داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىمارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە ئاقىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ( Postoperative Rehabilitation ) : ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېڭە تاشقى بۆلۈمىدە ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ھەرىكەت ئىقتىدارى، تىل ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا چېتىلىدىغان ئوپېراتسىيەدىن كېيىن. كەسپىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بىمارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەمدە ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا ئۇيغۇنلىشىشقا پايدىلىق.

ئېتىكا ۋە قانۇن مەسىلىسى ( Ethical and Legal Considerations ) : مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ خەتىرى يۇقىرى ۋە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ ئېتىكا مەسىلىسى، مەسىلەن، ئەھۋالنى بىلىپ قوشۇلۇش، ئوپېراتسىيە تەدبىرى ۋە بىمارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، ئېتىكا ۋە قانۇن مەسىلىسى مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ خەتەرلىك ئوپېراتسىيەدە، دوختۇر بىمار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەھۋالنى بىلىپ تەدبىر بەلگىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ۋە تەتقىقاتى ( Innovative Technologies and Research ) : مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى مەسىلەن:ئوپېراتسىيە جەريانىدا MRI ،ماشىنا ئادەم ئوپېراتسىيەسى ،3D بېسىش ،ۋە خاس داۋالاش تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلماقتا. بۇ تېخنىكىلار ئوپېراتسىيەنىڭ توغرىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. نۇرغۇن مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزى يەنە كىلىنىكىلىق تەتقىقات ۋە تەجرىبىگە پائال قاتنىشىپ، يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

مېڭە تاشقى بۆلۈمى پەرۋىشى ( Neurosurgical Nursing ) : مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى پەرۋىش بىمارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ھالقا. كەسپىي مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر پەرۋىش كوللېكتىپى بىمارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى نېرۋا ئىقتىدارىنى كۆزىتىش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش، ئاغرىقنى باشقۇرۇش ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ پەرۋىش تەدبىرلىرى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئازايتىپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

 

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىر قانچە مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرى

جون خوپكىنس دوختۇرخانىسى ( Johns Hopkins Hospital ،ئامېرىكا) : بۇ دوختۇرخانا ئۆزىنىڭ ئىلغار مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر تېخنىكىسى ۋە تەتقىقاتى بىلەن داڭلىق، بولۇپمۇ مېڭە ئۆسمىسى ۋە يىلىك ئوپېراتسىيەسى ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

مايو ئامبولاتورىيەسى ( Mayo Clinic ،ئامېرىكا) : مېئو شىپاخانىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى، مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كۆپ خىل پەنلەر ھەمكارلىقى ۋە خاس داۋالاش لايىھەسى بىلەن داڭلىق، مۇرەككەپ مېڭە ۋە يىلىك كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر.

شارىت مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتى ( Charité – Universitätsmedizin Berlin گىرمانىيە) : گېرمانىيەنىڭ بېرلىندىكى شارىت دوختۇرخانىسى مېڭە ئۆسمىسى، نېرۋا قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە باش سۆڭىكى تاشقى زەخىملىنىشنى داۋالاش بىلەن داڭلىق.

كلېۋېلاند ئامبولاتورىيەسى ( Cleveland Clinic ئامېرىكا ) : كلېۋېلاند ئامبولاتورىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئەترىتىگە ئىگە، بولۇپمۇ ئىقتىدارلىق نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە ستېرېئولۇق يۆنىلىشلىك ئوپېراتسىيە جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە.

ستانفورد دوختۇرخانىسى ( Stanford Health Care ،ئامېرىكا ) : ستانفورد دوختۇرخانىسىنىڭ مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتى بىلەن داڭلىق، بولۇپمۇ مېڭە ئۆسمىسىنى داۋالاش، ستېرېئولۇق يۆنىلىش بەلگىلەش ئوپېراتسىيەسى ۋە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە جەھەتتىكى ئىپادىسى ئالاھىدە.

بۇ دوختۇرخانىلار ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى تەتقىقات ۋە يېڭى تېخنىكا ئېچىشقا پائال قاتناشماقتا.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-19 / 10:59:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ