ئانا سەھىپەئوقۇ-ئوقۇتۇشتۈركىيىدە دوختۇرلۇقتۈركىيىدە دوختۇرلۇق دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش باسقۇچلىرى ۋە ئىمتىھانلار

تۈركىيىدە دوختۇرلۇق دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش باسقۇچلىرى ۋە ئىمتىھانلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋەتەندىن كەلگەن دوختۇرلار (مەيلى ۋىراچ بولسۇن بولمىسۇن) تۈركىيىدە دوختۇرلۇق كەسپىنى قانۇنلۇق يولدا داۋام قىلىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىسىنى تۈركىيىنىڭ ئالىي مائارىپ كومىتىتى ( T.C. Yüksekögretim Kurulu قىسقارتىلىپ YÖK دەپ ئاتىلىدۇ) دە تەڭلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلىشى ۋە مۇشۇ ئورگاندىن تەڭلەشتۈرۈش دىپلومىسى ( Denklik belgesi ) نى ئېلىش كېرەك. تەڭلەشتۈرۈش دىپلومىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا رەسمىي دوختۇر بولۇپ ئىشلىيەلەيدۇ ۋە ۋىراچلىق ئۇنۋانىنى تەڭلەشتۈرەلەيدۇ.

ئالىي مەكتەپ دىپلومىسىنى تەڭلەشتۈرۈش دىپلومىسىنى بېرىشنىڭ ئالدىدا مەزكۈر ئىلتىماس قىلغان دوختۇردىن بەزى ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلىدۇ. دوختۇر ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن، كومىتىت ئەزالىرى يىغىلىپ يىغىن ئېچىپ مەزكۈر دوختۇرغا تەڭلەشتۈرۈش دىپلومىسىنى بېرىش بەرمەسلىك قارارىنى چىقىرىدۇ.

مەزكۈر ماقالىمىزدا، ۋەتەندىن كەلگەن دوختۇرلارنىڭ قايسى ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەزى سوئال جاۋاپلارنى تونۇشتۇرىمىز.

 ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى مەزمونلار ۋەتەندە ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن دوختۇرلارغا قارىتىلغان. 

تۈركىيىدە دوختۇرلۇق دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش باسقۇچلىرى denklik دەنكلىك STS ئىمتىھانى ھەققىدە

 

تۈركىيىدە دوختۇرلۇق دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش ( Denklik ) باسقۇچلىرى

1. ئاۋۋال تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاڭ.

1) ئالىي مەكتەپ دىپلوماڭىز بولۇشى كېرەك. ھەم راست بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىرىنجىدىن توردىن تەكشۈرىدۇ. ئىككىنجىدىن پاش بولۇپ قالسا، يۈزىڭىز، ھەم پۈتۈن ۋەتەندىن كەلگەن دوختۇرلىرىمىزنىڭ يۈزى چۈشىدۇ. بۇرۇن يالغان دىپلوما تاپشۇرۇش مىساللار باركەن.

پۈتتۈرۈش دىپلومىسى 毕业证 بىلەن ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى 学位证

2) بىيجىڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگاننىڭ ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئىسپات قەغىزى 学位认证书 بولۇشى كېرەك.

ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئىسپات قەغىزىنى 学位认证书 قەيەردىن ئالىمىز؟

ئالىي مائارىپ كومىتىتى YÖK سىزدىن ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامە 学位证 دىپلومىڭىزنىڭ نىڭ ئىسپات قەغىزىنى 学位认证书 تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئۇدۇل توردىن قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. ھازىر ھەقسىز قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ رەسمى تەتىل ئارام كۈنلىرى تور بىكەت ئېچىلماسلىقى مۇمكىن.

https://www.cdgdc.edu.cn

مەزكۈر تور بىكەتتىكى 中国学位认证 ئۇلىنىشىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگەللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئادرىس سىزنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا ئۇلىشى مۇمكىن.

https://xwrz.chsi.com.cn/gateway

مۇشۇ يەردىن تىزىملىتىپ، تور بەتتە تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز (شۇ مۇناسىۋەتلىك بەت ئىچىدە ئېنىق يېزىلغان)، بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا ئىسپات قەغىزىنىڭ PDFنۇسخىسىنى ھەقسىز چىقىرىپ بېرىدۇ.

3) ئالىي مەكتەپ نەتىجىڭىز جەدۋەل قەغىزىنىڭ مەكتىپىڭىز تامغىلىق ئەسلى نۇسخىسى ۋە تۈركىيە گۇۋاھلىق ئورۇنلىرى (نوتېر)نىڭ تەستىق قەغىزى بولۇشى كېرەك. بۇ نەتىجە قەغىزى ئىچىدە ھەربىر دەرىسنىڭ توپلام سائەت ۋاقتى بولۇشى كېرەك. پۈتۈن دەرىسلەرنىڭ توپلام ۋاقتى 4500 سائەتكە تولۇش كېرەك. چۈنكى تۈركىيەدە 6 يىل ئوقۇيدۇ، ۋەتەندە 5 يىل ئوقۇيدۇ. شۇڭلاشقا، ئوقۇغان ئومۇمىي سائەت ۋاقتى چوقۇم تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە چۈشۈشى ئۈچۈن بۇ سائەتلەر يېزىلغان بولۇشى كېرەك.

4) تۈركىيەدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ سىزنى ئىشلىتىش ئىستىكى بار قەغەزدىن بىرسى بولۇش كېرەك. (چوقۇم ئىشلىتىش شەرت ئەمەس، پەقەت بىر ئىستەك قەغىزى) . بۇنى ھازىر تەلەپ قىلماسلىقى مۇمكىن.

5) ئەگەر يۆك كە تىزىملاتقاندا، ماتېرىيالىڭىزنى بىرسى ۋەكالىتەن ئېلىپ بارسا، سىز ئۆزىڭىز بارالمىسڭىز، بۇ كىشىگە سىز تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ گۇۋاھلىق ئورنى (نوتېر) دىن ۋەكالەتنامە گۇۋاھلىق قەغىزى (ۋەكالەتنامە نوتېر) دىن بىرنى چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

6) ھازىرچە مۇشۇ ماتېرىياللار كېرەك ئىكەنلىكى ئېسىمدە بار. باشقا ماتېرىياللار توغرىسىدا، ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچكە، سەل ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. كەم مەزمونلار يەنە داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.

2. ئەنقەرە Yüksek öğretim kurulu قىسقارتىلىپ YÖK ئۇيغۇرچە ئىسمى تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتىتى بېرىپ تىزىملىتىشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىز ۋەيا سىزگە ۋەكالەت قىلىنغان كىشى ماتېرىياللىرىڭىزنى ئېلىپ، ئالىي  مائارىپ كومىتىتىنىڭ دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش بۆلۈمى (Denklik birimi) گە بېرىپ دىپلومىڭىزنى تەڭلەشتۈرۈشكە بېرىسىز.

تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتىتى تور بېكىتى:
https://denklik.yok.gov.tr

3. بۇ بۆلۈمدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ماتېرىياللىرىڭىزنى ئالغاندا، ئىچىدىكى كەم ماتېرىياللار بولسا سىزگە شۇلارنى تولۇقلاشنى تاپىلايدۇ. ھەممە ماتېرىيال تولۇقلانغاندىن كېيىن، قولىڭىزغا بىر باركودلۇق نۇمۇر بېرىدۇ.

1) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئې دەۋلەت ئەپ تىن ياكى تور بېكىتىدىن ئىشلىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيسىز.

4. بۇ بۆلۈمدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىر قانچە ئايدا بىر يىغىلىپ، ماتېرىياللىرىڭىزنى ، ئوقۇغان مەكتىپىڭىزنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، ئاندىن سىزگە تۈركىيەدە يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (Seviye tespit sinavı قىسقارتىپ STS  دەپ ئاتايدۇ) غا قاتنىشىشىڭىزغا رۇخسەت چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىمتىھان تۈرك دوختۇرلىرىنىڭ ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىدىغان ۋىراچلىق ئىمتىھانى ( tıpta uzmanlık sınavı قىسقارتىلىپ TUS دەپ ئاتىلىدۇ) بولۇپ،  بۇ ئىمتىھان 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن ئاساسىي بىلىم، چۈشتىن كېيىن كلىنىك بىلىملىرى ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. كۆپىنچە ۋەتەندىن كەلگەن دوختۇرلار، بۇ ئىمتىھاننىڭ چۈشتىن كېيىنكى كلىنىكا بىلىملىرى قىسمىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. سىزگە بېرىلگەن ئىمتىھان قەغىزىنىڭ ئۈستىدىمۇ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (Seviye tespit sinavı) دەپ يېزىلغان بولىدۇ.

بۇ ئىمتىھاندا ئالغان نومۇرىڭىز مەلۇم چەكتىن ئاشسا ، ئىمتىھاندىن قازانغان بولىسىز. ئالىي مائارىپ كومىتىتى ئاندىن سىزگە تۈركىيەدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىت دوختۇرخانىلاردا 3-6-9 ئايلىق پىراكتىكا رۇخسىتى بېرىدۇ. پىراكتىكىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تەڭلىشىش دىپلوماسى Denklik belgesi بېرىدۇ.

 

سەمىمىي تەۋسىيە

1. يۇقارقى مەزمونلار ۋەتەندە ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن دوختۇرلارغا قارىتىلغان.
2. يۇقارقى مەزمونلار يېقىنقى يىللاردىكى يەنى 2019 يىلىغىچە بولغان ئېگەللىگەن مەزمونلار بولۇپ، بەزى مەزمونلاردا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيەدە بەزىدە سىياسەتلەر ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرنى بىلمەكچى بولسىڭىز، YÖK گە تېلىفون قىلىش، ۋەياكى ئەنقەرە ئالىي مائارىپ كومىتىتىYÖK  گە بېرىپ، يۈزتۇرانە  ئۇقۇشۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

سوئال جاۋاپلار

سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى STS seviye tespit sinavı دىگەن نىمە؟

جاۋاپ: تۈركىيە سىرتىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن دوختۇرلار، تۈركىيەگە كېلىپ كەسپىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن، دىپلومىسىنى تۈركىيەدە تونۇتۇش يەنى تەڭلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ ئىشنى ئەنقەرەدىكى يۇقىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى بىجىرىدۇ. ئۇ يەرگە ماتېرىياللىرىڭىزنى تاپشۇرسىڭىز، سىزگە بىر ئىمتىھان قاتنىشىش سالاھىتى بېرىدۇ. بۇ ئىمتىھاننىڭ ئىسمى: سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى STS seviye tespit sinavı . نورمالدا تۈركىيەدە يىلدا ئىككى قېتىم دوختۇر ۋىراچلىق ئىمتىھانى TUS tıpta uzmanlık sınavı ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىزمۇ مۇشۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىسىز. ئىچىدىكى ئىمتىھان مەزمونلىرى ئوخشاش. پەقەت سىزنىڭ سالاھىتىڭىز، سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولىسىز. بۇ ۋىراچلىق ئىمتىھانىدا ئالغان نومۇرىڭىز مەلۇم بىر چەكتىن ئاشقاندا (ھازىر ئەڭ تۆۋەن چەك 40 قىلىپ بېكىتىلدى. )، سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ھىساپلىنىسىز. نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا، بۇ چەتئەللىك دوختۇرلارغا ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ بېرىلىتى. ھازىر ئۇ بىكار قىلىنىپ، مۇشۇ ئۇزمانلىق ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرىدىغان، ئەمما ئىسمى يەنە بۇرۇنقىدەك سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى seviye tespit sinavı دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋىيە تەكشۈرۈش ئىمتىھانى يەنى تەڭلەشتۈرۈش ئىمتىھانى
denklik sinavı Seviye Tespit Sınavı

جاۋاپ:  ۋىراچ (ئۇزمانلىق) ئىمتىھانى بىلەن ئوخشاش بىركۈن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان. ۋىراچ ئىمتىھانىغا ئوخشاش ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلىدۇ. بىردىن بىر پەرقى، نۇمۇر چەكلىمىسى سەل تۆۋەن. چەكتىن ئاشسىلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولىدۇ. يىلدا 2 قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. نورمالدا ۋىراچ ئىمتىھانىغا ئوخشاش چۈشتىن بۇرۇن ئاساسىي بىلىم ئىمتىھانى، چۈشتىن كېيىن كلىنىك بىلىم ئىمتىھانى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما دوختۇرلارنىڭ ئوقۇغان دۆلىتى، دوختۇرلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش يىل سانى، كەسپ تۈرلىرى، جەمئىي سائىتى… قاتارلىق نۇقتىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئويلىشىپ، بەزى دوختۇرلارغا پەقەت چۈشتىن كېيىنلىك كلىنىك ئىمتىھانى بېرىش قارارى چىقىرىلىدۇ. بىزنىڭ ۋەتەندىن كەلگەن دوختۇرلار ئاساسەن چۈشتىن كېيىنلىك كلىنىك بىلىملىرى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

 تۈركىيە ۋىراچ (ئۇزمانلىق) ئىمتىھانى TUS tıpta uzmanlık sınavı

تۈركىيە ۋىراچ ئىمتىھانى ( tıpta uzmanlık sınavı قىسقارتىلىپ TUS دەپ ئاتىلىدۇ) قانداق بىر ئىمتىھان؟

تۈركىيىدە دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن دوختۇرلار، ئادەتتە پراكتىكانت دوختۇر ھېساپلىنىدۇ. بۇ سالاھىيەتتىكى دوختۇرلار كەلگۈسىدە تۈركىيىدە مەلۇم بىر بۆلۈم كەسپتە تېخىمۇ يۇقىرىلاش ئۈچۈن، تۈركىيىدە يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋىراچ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، نومۇرىغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئۈمىد قىلغان بۆلۈمدە ۋىراچ ياردىمچىسى ھاياتىنى باشلايدۇ ۋە 4 يىلدىن كېيىن ۋىراچ دوختۇر بولۇپ چىقىدۇ. بۇ ۋىراچ ئىمتىھانىغا قاتناشماي تۇرۇپ، ۋىراچلىق ئۇنۋانىنى ئالالمايدۇ.

 

سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا ئىنگىلىزچە تىل سەۋىيىسى ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلامدۇ؟

جاۋاپ: سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى STS seviye tespit sinavı دىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىنگىلىزچە ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما چەتئەللىك دوختۇر سۈپىتىدە، سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، تەڭلەشتۈرۈش دىپلومىسىنى ئالغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەش ئۈچۈن تۈركچە تىل يىتەرلىلىك ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىدۇ. تۈركچە ئەڭ ئاز B2 سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تۈركىيە دۆلىتى ئېتىراپ قىلىدىغان تىل ئۆگىتىش مەركىزىدىن بېرىلگەن دىپلوما قەغىزى بولۇش كېرەك.

 

تەڭلەشتۈرۈش دىپلومىسى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاپ: تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتىتى بەرگەن تەڭلەشتۈرۈش دىپلومىسى (Denklik belgesi) تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.

 

بەزى سۆزلۈكلەر

ۋىراچ دوختۇر
uzman doktor
specialist
主治医生

دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش
Diploma denklik

تەڭلىشىش دىپلومىسى
Denklik belgesi

ۋىراچ (ئۇزمانلىق) ئىمتىھانى
(TUS) tıpta uzmanlık sınavı

سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى
(بەزىدە تەڭلەشتۈرۈش ئىمتىھانىمۇ دەپ قويىدۇ)
Seviye Tespit Sınavı
(diğer adı: Denklik sinavı)

پراكتىكانت دوختۇر
pratisyen doktor

ئالىي مائارىپ كومىتىتى
Yüksekögretim Kurulu  (YÖK)
Council of higher education
高等教育委员会

 

داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…

 

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر

مەنبە: دوختۇرلار تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 09:57:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ