ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا ئىسپىرت ئىشلىتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرمەڭ

0
521
ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا ئىسپىرت ئىشلىتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرمەڭ

قىزىپ قېلىش بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، لېكىن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا جىددىيلىشىپ، تېزدىن ئامال ئىزدەپ بالىنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈشنى ئويلايدۇ، مەسىلەن: ئىسپىرت سۈرۈش ياكى مۇز پارچىسى بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇللار چوڭلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، بالىلارغا نىسبەتەن ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا ئىسپىرت ئىشلىتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرمەڭ

ئىسپىرتنى قىزىپ قالغاندا بەدەنگە سۈرتكەندە، قىزىتمىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ؛ ئىسپىرت ھاۋاغا ئۇچۇش جەريانىدا بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى بىللە ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئىسپىرتنى بەدەنگە سۈرگەندىن كېيىن، تېرە قان تومۇرلىرىكېڭىيىپ، تېز سۈرئەتتە ئىسسىقلىق تارقىلىدۇ. گەرچە ئىسپىرتنى بەدەنگە سۈرگەندە قىزىتمىنى ياندۇرغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولغاچقاھەمدە تېرىسىمۇ يۇمران بولغاچقا، ئاسانلا رېئاكسىيە بېرىدۇ، ھەتتا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا، بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا قانداق قىلغاندا توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، ئاۋۋال بەدىنىنى ئىلمانسۇدا سۈرتۈش ياكى قىزىتمىنى ياندۇرۇش چاپلىقى ئارقىلىق قىزىتمىنى چۈشۈرۈش كېرەك. ئەگەر قىزىتمىسى 38.5 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى ئىچكۈزۈش كېرەك.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here