يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ، ئاسان زۇكام بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ
ئەمەلىيەتتە بوۋاقلار بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش مەركىزى نېرۋىسى ۋە تېرىسىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا ، ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا ، ئۆي بىلەن تالانىڭ ھاۋا تېمېپراتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىپ كېتىپ ، بوۋاقلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ.
زۇكام بولغاندا تەر چىقمايدۇ ، تولا ئۇسساپ ، پات-پات كىچىك تەرىتى قىستايدۇ ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ . چىرايىسارغىيىپ ، ئىچى تىتىلداپ تۇرىدۇ . بوۋاقلارنىڭ شامالداپ زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شامالداپ قېلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۆي بىلەن تالانىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قلىشى كېرەك.
بوۋىقىڭىزنى دائىم سالقىن جايدا ئارام ئالدۇرشىڭىز ، شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىز لازىم . پات-پات ئازراق تۇز سېلىنغان قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ ئىچكۈزۈپ قويۇشىڭىز لازىم . ئۇنىڭدىن باشقا بوۋىقىڭىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ جىم تۇرمىسا ، لۆڭگىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بەدىنى سۈرتۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىقلىقچىقىش بولسا ، يازدا بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسىلى ، ئۇ ئاساسەن بالىلارنىڭ مەيدە ، دۈمبەقىسمىغا كۆپ چىقىدۇ. ئىسسىقلىق چىققان يەرلەر قىزىرىپ بەكمۇ قىچىشىدۇ . ئىسسىقلىقبالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش ، تېرە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.