ئۆپكىدە سۇ يىغىلىپ قېلىش كۆرۈلگەن 6 ياشلىق قىز بىمارنىڭ رېنتىگېن كۆرۈنۈشى ۋە ئۆزگىرىشلىرى
تونۇشتۇرۇش:
ئۆپكىدە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش، بەزىدە ئۆپكىگە سۇ چۈشۈش، ئۆپكىگە سۇ يىغىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنگىلىزچە Pleural effusion ، تۈركچە plevral efüzyon, خەنزۇچە 肺积水 دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدە، ئۆسمە، ۋە باشقا كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، بالىلار كېسەللىكلىرى ئارىسىدىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ ماقالىدە 6 ياشلىق بىر قىز بىمارنىڭ ئۆپكىسىدە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىكى رېنتىگېن فىلىمى، داۋالىنىش ۋە نەيچە تاقىغان چاغدىكى رېنتىگېن فىلىملىرى ۋە ساقايغان چاغدىكى رېنتىگېن سۈرەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ.
بىرىنجى كۈن:
6 ياشلىق قىز بىمار 10 كۈننىڭ ياقى قۇرۇق يۆتەل ، سول كۆكرەكتە ئاغرىق، نەپەس ئېلىشتا قىيلىنىش سەۋەبى بىلەن بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كېلىدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆكرەكنىڭ سول تەرەپتىكى ئۆپكە نەپەسلىنىش ئاۋازىدا ئازىيىش بولغاچقا، بىمارغا رېنتىگېن تارتىلىدۇ. رېنتىگېن تۆۋەندە بېرىلدى. رېنتىگېندە بىمارنىڭ سول ئۆپكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قىسمىدا ئاق رەڭلىك كۆرۈنۈشلەر بار بولۇپ، بۇ يۈكسەك ئىھتىماللىقتا ئۆپكىگە سۇ چۈشۈشنى كۆرسىتىدۇ.
2-كۈن:
بىمارنى بالىنىستقا ئېلىپ 2 كۈن كۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا تارتىلغان رېنتىگېندە سول ئۆپكىدىكى سۇيۇقلۇق مىقتارىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ھەتتا پۈتۈن سول ئۆپكىنى قاپلىۋالغانلىقى كۆرۈلىدۇ.
2-كۈن: ئۆپكىگە نەيچە تاقاش
بىمارنىڭ ئۆپكىسىدىكى سۇيۇقلۇق كۆپىيىپ كەتكەچكە، بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى تەۋسىيىسى بويىچە، سول ئۆپكىگە نەيچە تاقىلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە نەيچە تاقالغاندىن كېيىن تارتىلغان رېنتىگېن. سول ئۆپكە ئوتتۇرا قىسمىغا تاقالغان نەيچىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
9-كۈن:
نەيچە تاقالغان ھامان 300 مىللىلېتىرغا يېقىن سۇيۇقلۇق چىققان. نەيچە سول ئۆپكىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ۋە نەيچىنىڭ بېشىغا بىر قۇتا يەرلەشتۈرۈلگەن. ھەركۈن شۇ نەيچىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقنىڭ مىقتارى 50-100 مىللىلېتىر ئەتراپىدا بولغان. بۇ جەرياندا بىمارغا كۈچلۈك ئانتىبىئوتىك بېرىلگەن. قايتا تارتىلغان رېنتىگېن تۆۋەندە بېرىلدى. ئۆپكىدى سۇ كۆرۈنەرلىك ئازايغان.
12-كۈن: نەيچە ئېلىۋېتىلدى
بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى تەۋسىيىسى ئاستىدا نەيچە ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن كونترول مەقسەتتە تارتىلغان رېنتىگېن تۆۋەندە بېرىلدى. بۇ ۋاقىتتا، بىمارنىڭ نەپەس ئېلىشى خېلىلا ياخشىلانغان.
30-كۈن: بىمار دوختۇرخانىدىن چىقىرىلدى
تۆۋەندىكى رەسىم بىمارنىڭ سەللىمازا ساقايغان چاغدىكى رېنتىگېنى. گەرچە ئۆپكىسى تامامەن ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما سۇيۇقلۇق كۆپىنچىسى چىقىرىلغان.