بىرىنچى، ئاتا-ئانىلار ئىمكانقەدەر بالىلارغا ئىناق تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، بالىلارنىڭ تەشۋىشلىنىشى ۋە خاتىرجەمسىزلىكىنى ئازايتىشى، بالىلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى، بالىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز ئۇرۇشماسلىقى، ئادەتتە بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىنى پىسخىكا جەھەتتىن ياخشىلىشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلارنىئۆزىدەئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا، ئۆزىنىڭ چامى يېتىدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، بالىلارغا تەدرىجىي تەربىيە قىلىش كېرەك، بالىلارنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشى ئۇزاق مۇددەتتە شەكىللەنگەن بولىدۇ، بالىلارنىڭ قىلمىش مەسىلىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق پىلان تۈزۈپ، بالىلارنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشىنى ئاستا-ئاستا ئازايتىشى كېرەك، تەنھالىق كېسىلىنى داۋالاش جەريانى ئۇزۇن بىر جەريان، ئاتا-ئانىلار بەك ئالدىراپ كەتمەسلىكى، بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىنى داۋالىغاندا سەۋرچان بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ناتوغرا قىلمىشىنى توغرىلاش كېرەك، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قايسى قىلمىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشى كېرەك، تۇرمۇش جەھەتتە بالىنىڭ ناچار قىلمىشىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى، كېسىلى ئېغىر بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى كېرەك، پىسخىكا دوختۇرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىنى داۋالاشتا دوختۇرغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ مۇناسىپ يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
تەنھالىق كېسىلىنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ئىنتايىن چوڭ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلاردا تەنھالىق كېسىلى بارلىقىنى بايقىسا، بالدۇرراق داۋالىتىشى، بالىنىڭ ناچار قىلمىشىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىپ پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، بالدۇر داۋالاش تەنھالىق كېسىلىنىڭ بالىلارغا يەتكۈزىدىغانزىيىنىنىيېنىكلىتىدۇ، تەنھالىق كېسىلىنى داۋالاشتا كۆپ تەرەپتىن تۇتۇش قىلىش كېرەك، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك.
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى