ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبوۋاقىڭىزغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىك تەييارلاپ بېرىڭ

بوۋاقىڭىزغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىك تەييارلاپ بېرىڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

مېۋە شەربىتى: پىشقان شوخلا، ئاپېلسىن، ماندارىن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئايرىم–ئايرىم يۇيۇپ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز خالتىغا قاچىلاپ قايناق سۇدا بىر مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن قاچىغا ئېلىپ قوشۇق بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋېلىپ، ئازراق شېكەر قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.

كۆكتات سۈيى: پاكىز يۇيۇلغان يېڭى كۆكتاتلارنى، مەسىلەن، يازلىق يېسىۋېلەك، يېسىۋېلەك، پالەك، سەۋزە، يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنى توغراپ قاچىغا سېلىپ، بىر قاچا كۆكتاتقا بىر قاچا قايناق سۇ قۇيۇپ دۈملەپ، بەش مىنۇت قاينىتىپ، ئاندىن تۇز ياكى ئازراق شېكەر سېلىپ شورپىسى چىققۇچە قايناتسا، كۆكتات سۈيى تەييار بولىدۇ.

بوۋاقىڭىزغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىك تەييارلاپ بېرىڭ

كۆكتات بوتقىسى: يېڭى كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ چاناپ، ئاز مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈۋالغاندىن كېيىن بەش مىنۇت دۈملىسە، كۆكتات بوتقىسى تەييار بولىدۇ ياكى چانالغان كۆكتاتلارنى مايلىق قازاندا قورۇپ، ئازراق تۇز سالسا بولىدۇ. بۇنى بۇلماق ياكى سۇيۇقئاشقا ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا بەرسە بولىدۇ. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىلمان ئوتتا 20مىنۇت قاينىتىپ، ئېزىلىپ پىشقاندىن كېيىن كۆكتات بوتقىسى قىلسا بولىدۇ.

جىگەر بوتقىسى: ياساش ئۇسۇلى ئىككى خىل. بىرىنچى خىل ئۇسۇل: جىگەرنى توغراپ، كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، تۇز ۋە كۈنجۈت يېغى قوشۇش. ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: ئۇششاق توغرالغان جىگەرنى مايلىق قازاندا قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن تۇز ۋە تەم تەڭشىگۈچ سېلىپ بۇلماق ياكى سۇيۇقئاشقا ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا بەرسە بولىدۇ.

مېۋە بوتقىسى: ئالما، بانانلارنىڭ شۆپىكىنى سويۇۋېتىپ، قوشۇق بىلەن قىرىش ئارقىلىق ياسىغىلى بولىدۇ ھەم بىۋاسىتە بالىغا بەرسە بولىدۇ.

بېلىق بوتقىسى: يېڭى بېلىقنىڭ ئىچ–قارنىنى پاكىز تازىلاپ، دۈملەپ ياكى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن قىلتىرىقلىرىنى ئېلىۋېتىپ تەم تەڭشىگۈچ قوشۇپ سىقسا، بېلىق بوتقىسى تەييار بولىدۇ. بۇنى سۇيۇقئاشقا ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا بەرسە بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:45:57

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ