ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار

ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار
  1. سىرتتىن كەلگەن تاياق زەربىلىرى، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلار ئېغىر بولغاندا ئۇرۇقداننى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى ئېزىپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىكرەك بولغاندا ئۇرۇق بېزى ۋە نەيچىسىنى بېسىپ توسۇپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە توشۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي تەركىبىدىكى ئۇرۇقنى كىمەيتېۋىتىدۇ.
  2. ۋېلسپىت مىنىش، ئات مىنىش، موتسىكىلىت مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇرۇق بېزىنى بېسىپ قويۇپ، ئۇرۇق بېزىنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشىگە ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇشۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي كەملىك، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  3. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇق بېزىغا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىق مىزاجىنى بۇزۇپ، ئۇرۇق ئىشلەش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
  4. دائىم غەزەپلىنىش، روھىي چۇشكۈنلۈك، قالايمىقان بولمىغۇر خىياللارنى قىلىش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي قۇۋۋەتلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ قويىدۇ.
  5. شەھۋانىي فىلىمللەرنى كۆررۈش،جەلەق ( ئانانىزىم) ، جىمانىڭ كۆپ بولۇشى كۆپ ئىھتىلام بولۇش قاتارلىق ناچار جىنسىي قىلمىشلار ئۇرۇقداننىڭ كۈچەپ ئىشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
  6. سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يېتىشمەي مەنىي كەملىك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  7. ھەۋەسنى كۈچەيتكۈچى ۋە باھنى قۇۋەتلىگۈچى ھەرخىل خىمىيىلىك ۋە ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا ۋاقىتلىق ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇرۇقداننى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
  8. نەشە، ئەپيۇن تاماكا قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى كۆپ چەككەندە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ناركوز قىلغۇچى تەركىبلەر ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  9. كۆپلەپ ھاراق ئىچكەندە ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرىت ئۇرۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ، مەنىي كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناچار جىنسىي قىلمىشلاردىن تارقىلىدىغانئەيدىز، سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق يۇكۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ جاراسىمى ئاسانلا سۈيدۈك يولى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق ئۇرۇقدانغا يېتىپ كىلىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇقۇملاندۇرۇپ، ئۇرۇقداننىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
مەزى بېزى، ئەرلەر جىنسىي ئورگانلىرى تۈزۈلۈشى ياندىن كۆرۈنۈشى
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:14:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

3 باھالار

  1. دوختۇر ياخشىمۇسىز ؟
    ئالدى بىلەن بۇنداق بىر مول مەزمۇنلۇق تور بېكەتنى ئاچقىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
    مەن يېقىندىن بېرى بەكلا ئۈمۈدسىز بولۇپ كىتىۋاتىمەن.
    سەۋەبى :
    مەن بۇ يىل 26 ياش ، توي قىلغىلى 2 يىل بولدى ، ئەمما بالىلىق بولۇشنى ئويلاشمىغانلىقىمىز سەۋەپلىك ئىككى يىلچە ئالدىنى ئالدۇق يەنى Prezervatif بىلەن .
    ئەمدىلىكتە پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلىشىپ ، بىر تەكشۈرۈش قىلىۋىتەيلى دەپ تەكشۈرۈش قىلساق ئويلىمىغان بىر مەسىلە چىقتى ، ئىككى قېتىم ۋە ئارلىقتا نەچچە ئايلاپ ئۆتكۈزگەن ھالدا ئىسپىرما سىنىقى قىلدۇرغان بولساممۇ ھىچقانداق جانلىق ۋە جانسىز ئىسپىرما كۆرۈلمىگەن دىگەندەك نەتىجە چىقتى.
    مەن كومپيۇتېر ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرىمەن ، ھەرىكەت زىيادە ئاز يەنى يوق دىيەرلىك. بۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى ، چەتئەلگە چىققان 5 يىلدىن بېرى كىچىدە بەك كەچ ئۇخلايمەن ، ھازىرمۇ ھەم كەچ سائەت 2 يېرىم بوپتۇ…
    ھەم ھاياتىمدا ئەڭ ئازاپلىنىدىغان بىر ئىشىم ئۇزۇن يىللىق قولدا لەززەتلىنىشقا خۇمار بولغانلىقىم…ئاساسەن تاشلىغىلى 3 يىلچە بولۇپ قالدى …
    ئۇنىڭدىن باشقا كىچىكىمدىن تارتىپ بەدىنىم زىيادە ئاجىز ۋە ئاساسەب ھەرخىل دورا ئوكۇللارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بۇ ياشقا كىرىپتىمەن.

    ھاياتىمنى بىر قۇر ئەسلەپ چىققاندىن كېيىن مەن بالىلىق بۇلالماسمەنمۇ دەپ كۆڭلۈم يېرىم ھالەتتە توردىن ئىزدەپ باقسام سىزنىڭ بۇ تور بېتىڭىز ئۇچراپ قالدى شۇڭا دەردىمنى تۆكىۋالغۇم كەلدى ئەپۇ قىلغايسىز.

    سىزنىڭ ماڭا بېرىدىغان ياخشى تەكلىپ ، پىكىرلىرىڭىز بار بولسا تولىمۇ خۇش بولغان بۇلاتتىم.

    • يەنە بىر ئىشنى دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

      مىنىڭ ئۇرۇندىنىمنىڭ بىرىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى نورمال ، يەنە بىرى زىيادە كىچىك ئەمما بەزى ئۇزۇن ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىمدا ، ۋە بەزى كەچ ۋاقىتلىرىمدا ئىچىگە سۇ تولۇپ قالغاندەك سەمىرىپ كېتىدۇ.
      ئىسىمدە قېلىشىچە 7 ياش ۋاقتىمدا دوختۇرغا ئاپارغاندا ئۇلار چوڭ مەسىلە ئەمەس ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىدۇ دىگەن ئىدى ئەپسۇس ئوڭشالمىدى كېيىن مەنمۇ چوڭ بولۇپ كەتتىم دىگەندەك…

      ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم بىرسى نورمال بولمىسىمۇ يەنە بىرسى نورمال ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالماسمۇ ؟

      دوختۇرخانىغا بارغىنىمدا ھورمۇنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قاننى تەكشۈردى ، ئىسپىرما نەتىجسى يېقىندا چىقتى ، ئالدىمدا ئۇرۇقداننى تەكشۈرىدۇ ، ئاندىن ئاخىرقى ھەممە نەتىجىنى جەملەپ ئاندىن بىرنېمە دەيمەن دەيدى.
      ئاندىن ئىلگىرىكى نەتىجىلەرنى كۆرۈپ ، ئىرسىيەت خاراكتىرلىك
      بولىشىمۇ مۇمكىن شۇڭا ھەممىنى قايتا تەكشۈرتۈپ باق دىدى ، ھازىر ھەممىنى تەكشۈرتۈپ ئۇلتراسيون بىلەن ئۇرۇقداننىلا تەكشۈرتىۋەتسەم بولىدۇ.

      سىزنىڭ قانداق مەسلىھەتىڭىز باردۇر دوختۇر ئاكا ؟
      ۋاتساپتىن ئۇچۇر قىلاي دىدىم ئەمما خىجىل بولدۇم شۇڭا بۇ شەكىلدە ئۇچۇر قالدۇرىشىم رەھمەت ۋاقتىڭىزنى ئالدىم.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشىمۇسىز.
      «ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم بىرسى نورمال بولمىسىمۇ يەنە بىرسى نورمال ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالماسمۇ ؟»
      ئۇرۇقداننىڭ بىرسى ياخشى ئىشلىيەلمىگەندە، يەنە بىرى شۇنىڭ ئورنىغا ئىشلەش ئۈچۈن ئىككى قات كۈچەپ ئىشلەيدۇ. ئەمما ھەرقانداق بىر ئورگان زىيادە ئىشلىگەندە ئاستا ئاستا زەيىپلىشىدۇ. بۇ خۇددى ئىككى قولنىڭ بىرسى ئىشلىمىگەندە، يەنە بىر قول بىلەن ئىككى قولنىڭ ئىشىنى قىلىمىز. كۆپ ئىشلىگەن قول، باشتا مۇسكۇللىرى يوغىنايدۇ، كۈچلۈك بولىدۇ، ئەمما بۇمۇ ۋاقىتلىق. ئاستا ئاستا مۇسكۇللار ھارىدۇ، ئاخىرىدا بۇ ئىشلىتىۋاتقان قولمۇ كۈچسىزلىنىشقا باشلىنىدۇ.

      سىزنىڭ ئىسپىرما جانلىقلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، نورمالدا سىزدىكى بۇ ياشتىكى ئەرلەردە زىيادە بىر كېسەللىك بولماي قالسىلا، ئىسپىرما ئىچىدە ناھايىتى ئاز دەرىجىدە بولسىمۇ جانلىق بولغان ئاز تولا ئىسپىرمىلار بولىدۇ. ئەگەر بۇلار، بالىياتقۇغا كىرىپ تۇخۇمغا بارالىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ بولماي قالسا، ئاخىرقى چارە ئۇ چاغدا سۈنئىي ھامىلە بولۇش tup bebek نى ئويلىشىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھازىر ئاخىرقى تەكشۈرشلەر چىقماپتۇ. ئەگەر ئىسپىرما جانلىقلىقى تۆۋەن، ئەمما ھېلىھەم ئاز بولسىمۇ جانلىق ئىسپىرما بار دىسە، دوختۇرلار سىزگە سۈنئىي ھامىلە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن. ھازىر بۇ تېخنىكا خېلىلا تەرەققىي قىلدى. بۇ توغرىلىق ئىزدىنىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      شۇڭا بەكمۇ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. چۈنكى، ئىسپىرمىنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولۇشى، سىز يۇقارىدا تىلغا ئالغان، 1. كەچ يېتىش، بەدەن تولۇق ئارام ئالالماسلىق 2. كەيپىيات 3.ئوزۇقلىنىش 4. ئىرسىي ئامىللار 5.باشقا سەۋەبلىك دورا ئىشلىتىش 6.تاشقى زەربە 7. ئۇزۇن ئولتۇرۋش، ھەرىكەت چېنىقىش ئاز بولۇش 8.رادىئاكسىيە .. ۋە باشقا سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

      تېخى ياشكەنسىز. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ، بايا سىز دىگەن بەدەن سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىدىغان ناچار ئامىللارنى بىر بىرلەپ تۈگىتىش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت چوقۇم چېنىقىش لازىم. ھەركۈن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچەچېنقىپ بەرسىڭىز، بەدەندىكى ھەرقايسى ھۈجەيرىلەرنىڭ ساغلام بولۇشىغا، ئىتتىك يېڭىلىنىشىغا ياردەم بولىدۇ. بۇ يەردە بۇ مەزمونلارنى بەك كېڭەيتىپ دېمىدىم. سىز تورلاردىن چوقۇم سىزگە ماس كېلىدىغان ياخشى ئۇسۇللارنى تاپالايسىز.

      يەنە بىر كىچىك تەۋسىيە: ئەگەر غەرىپ تېبابىتىدە ھىچ ئۈمىد يوق دىسە، چېنىقىش بىلەن بىرگە، ئىشەنچلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرلىرىغا مۇراجەت قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ بىر قوشۇمچە تەۋسىيە.

      سالامەت بولۇڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ