ھامىلدارلار: سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ئەڭ ياخشى ، لېكىن ئوڭدا ياتسا بولمايدۇ .
تۇغۇتلۇقلار: ئەڭ ياخشىسى دائىم دۈم يېتىشى كېرەك ، مۇشۇنداق قىلىش نىپاس خۇننىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق .
بوۋاق بالىلار: ئوڭ ۋە سول تەرەپنى بېسىپ ھەم ئوڭدىسىغا يېتىشى كېرەك . دائىم بىر تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا ياكى دۈم يېتىشقا بولمايدۇ .
خورەكچىلەر: يانتۇ يېتىشى كېرەك .
ئۆتىدە تاش بارلار: سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ناھايتى ياخشى .
جىگەر كېسىلى بارلار: سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ناھايتى ياخشى. لېكىن ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتماسلىقى كېرەك.
ئاشقازان–ئۈچەي كېسىلى بارلار: سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا پايدىلىق .
بۆرەك كېسىلى بارلار: بەدىنىنى ئوڭغا ياكى سولغا سەل ئىگىپ يېتىشى كېرەك .
ئۆپكە ھاۋالىق ئىشىقى بارلار: ياستۇقنى ئىگىز قويۇپ ئىككى قولىنى يۇقىرىغا سەل سۇزۇپ ئوڭدىسىغا يېتىشى كېرەك .
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار: ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتسا ناھايتى ياخشى . لېكىن ، دۈم ياتسا ياكى سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ھەرگىز بولمايدۇ . كۆكرەك بېسىلىپ قېلىپ يۈرەك سانجىقى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئۇخلىغاندا قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ ياتماسلىقى كېرەك .
ئادەتتە ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ئۇخلاش ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يەڭگىل بولغاندا بېشى قايىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ . بويۇن، مۈرە ، بىلەك ۋە قولنىڭ بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قالىدۇ . ئېغىر بولغاندا پۇت–قولى پالەچلىنىپ قالىدۇ ت.
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى