بۇرۇن نەپەسلىنىش يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بۇ يەردە ھەم نەپەس ئېلىنىدۇ، ھەم پۇراش سېزىمى رولىغا ئىگە ھۈجەيرىلەر بار. بۇنىڭدىن سىرت سىرتقى دۇنيادىكى چاڭ توزانلارنى بۇرۇن تۈكى توسۇپ قالىدۇ.
بۇرۇن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. سىرتقى بۇرۇن، بۇرۇن بوشلۇقى، بۇرۇن كاۋاكچىلىرى. سىرتقى بۇرۇن ۋە بۇرۇن بوشلۇقى سۆڭەك ۋە يۇمشاق سۆڭەكلەرنىڭ قورشىلىشىدىن تۈزۈلىدۇ.
- سىرتقى بۇرۇن 外鼻 external nose:بۇ يەردە پۇراش سېزى ھۈجەيرىلىرى ۋە بۇرۇن تۈكلىرى كۆپ بولىدۇ،
- بۇرۇن بوشلۇقى 鼻腔 nasal cavity:بۇ يەردە قاڭشارنى شەكىللەندۈرىدىغان يۇمشاق سۆڭەكلەر بولىدۇ. ھەم ئەڭ ئاسان قانايدىغان يەر مۇشۇ يەر. بۇ قىسىمدىمۇ پۇراش سېزىمى رولىغا ئىگە ھۈجەيرىلەر بولىدۇ.
بۇرۇن يان كاۋاكچىلىرى ( 鼻旁窦 paranasal sinuses ) : نورمالدا 4 جۈپ بۇرۇن كاۋاكچىلىرى بولىدۇ. بۇلار يۇقىرى ئىڭەك كاۋاكچىسى ، غەلۋىر كاۋاكچىسى ، پىشانە كاۋاكچىسى ، كىپىنەك كاۋاكچىسى . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاز مىقتاردا سۇيۇقلۇق (ماڭقا) بولىدۇ. پىشانە كاۋاكچىسى ياللۇغى ( 额窦炎 sinüzit sinusitis ) كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇ ۋاقىتتا بۇ كاۋاكچىلار ئىچىدە ياللۇغ سەۋەبىدىن ماڭقا ئىشلەپ چىقىرىشى كۆپىيىپ ماڭقا بىلەن تولۇپ قالىدۇ. ئالامەتلىرى: كۈز، قىش، ئەتىياز پەسىللەردە باش پىشانە قىسىم ئاغرىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، كۆزنىڭ ئارقىسى چىڭقىلىش …