ئۇيقۇسىزلىق دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىق مۇھىت ۋە شارائىتتا ئۇخلىيالماسلىقى، ئۇيقۇنى قامدىيالماسلىقى ياكى بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇ خىل ئەھۋال كۈندۈزلۈك ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇرچە: ئۇيقۇسىزلىق
ئىنگىزچە: Insomnia
خەنزۇچە: 失眠
تۈركچە: Uykusuzluk
ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا ئاساسەن، ئۇيقۇسىزلىقنى قىسقا مۇددەتلىك ئۇيقۇسىزلىق ( ئۈچ ھەپتىدىن ئاز داۋاملىشىدۇ ) ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئۇيقۇسىزلىق ( ئۈچ ھەپتە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ ) دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ، تۆۋەندىكىسى دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر:
1. بىئولوگىيىلىك ئامىللار:
نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى:مەسىلەن، سېروتونىن، دوپامىن ۋە نورئادرېنالىن قاتارلىق ئۇيقۇنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى.
مېلاتونىن ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىنورمال بولۇش:مېلاتونىن ھورمۇنى ئۇيقۇ – ئويغىنىش دەۋرىنى تەڭشەيدىغان بىر خىل ھورمۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولمىسا ياكى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. پىسخىكىلىق ئامىل:
بېسىم ۋە تەشۋىشلىنىش:ئۇزاق مۇددەتلىك بېسىم ۋە تەشۋىشلىنىش چوڭ مېڭىنىڭ زىيادە جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
خامۇشلۇق:خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىدا دائىم ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
3. تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇھىت ئامىلى:
قانۇنىيەتلىك بولمىغان دەم ئېلىش ۋاقتى:مەسىلەن، دائىم تۈنەش، دەم ئېلىش ۋاقتىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار.
كوففېئىن ياكى ئىسپىرتنى زىيادە قوبۇل قىلىش.
زىيادە ۋاراڭ – چۇرۇڭ ياكى بىئارام بولغان ئۇخلاش مۇھىتى.
4. باشقا تېببىي كېسەللىكلەر:مەسىلەن:نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىش، يۈرەك كېسىلى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. دورا ۋە ماددىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش:بەزى دورا ۋە ماددىلار، مەسىلەن، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار، روھلاندۇرغۇچى دورىلار، نىكوتىن، ئىسپىرت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
6. باشقا ئامىللار:مەسىلەن، ھامىلىدارلىق، كىلىماكتېرىيە دەۋرى، ھەيز دەۋرىيلىكى قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرمۇ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۇسۇلى دورا بىلەن داۋالاش ۋە دورىسىز داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دورىسىز داۋالاش بىلىش ھەرىكىتىنى داۋالاش ئۇسۇلى، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ماھارىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇسىزلىقنى مەلۇم بىر خىل تېببىي كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كېسەلنى داۋالاشمۇ ئادەتتە ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ. ئەگەر سىز ياكى سىز تونۇيدىغان كىشىلەردە ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسى بولسا، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ كەسپىي دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تەكلىپىگە ئېرىشىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.