توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش، قەۋزىيەتنى پەسەيتىش، تۆمۈر تولۇقلاش ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار، قۇرۇق ئۈزۈمنى تاللاشقا كۆپرەك ئېتىبار بېرىلسە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار، مەسىلەن:
1. قىزىل ئۈزۈم: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىم بولۇپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، يۈرەكنى قوغدايدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بار بىمارلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. دائىم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە سەكتە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. ئاق ئۈزۈم (شىنجاڭ سوقا ئۈزۈمى): ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى سىلىقلاش ئۈنۈمى بار، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ھەمدە تېرە رەڭگى ياخشى بولمىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.
3. قارا ئۈزۈم: بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، چاچنى قارايتىش رولىغا ئىگە، شۇڭا بۆرەك زەئىپلەشكەن كىشىلەرنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قىلىپ يېيىشىگە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.
4. سۆسۈن ئۈزۈم: سۆسۈن رەڭ ئاساسلىقى سىئانىدىن رەڭگى، شۇڭا سۆسۈن ئۈزۈمنى دائىم يەپ بەرگەندە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
لېكىن، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت ماددىسى بولغاچقا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17692041.shtml