ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئۇزاق ۋاقىت جىنسىي تۇرمۇش بولماسلىق ئاياللارغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي تۇرمۇش بولماسلىق ئاياللارغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەرلەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى سۈپەتلەشتە ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىدىغان گەپلىرى بولىدۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما دائىم جىنسىي ئەزالارنى ئىشلىتىپ تۇرمىغاندا «ئىقتىدار»دا چېكىنىش بولامدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇش بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج بولۇپ، ئەرلەرگە ئوخشاش، ئاياللارنىڭمۇ جىنسىي ئىقتىدارىدا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمىگەندە تەدرىجىي چېكىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ خۇددى ئۆتكۈر پىچاقنى داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرمىسا داتلىشىپ كەتكەندەكلا بىر ئىش.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش كەمچىل بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي ۋە روھىي زىيان ئاياللارغا ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي چەكلەش ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقئەت بېزى بالدۇر چېكىنىدۇ، ھورمون سەۋىيىسى نورمال غىدىقلىنىشقا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنداقلا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا جىنسىي يولدىن سۇيۇقلۇق چىقىرىش ۋە قان تولۇش يېتەرلىك بولماسلىق، جىنسىي قوزغىلىشى قىيىن بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلىقلاش مېيىنىڭ سۈركىلىشى كەمچىل بولۇش، جىنسىي يول قۇرغاقلىشىپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى خالىماسلىق ياكى ئەر تەرەپنى رەت قىلىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. شۇنداقلا ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىمۇ ھەيز دەۋرىيلىكىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر جىنسىي تۇرمۇش كەمچىل بولسا، ئەر-خوتۇننىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىشى، ھەتتا ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر بۇ ئىشلارغا چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

 

تەشەببۇسكار بولۇشنىڭ ئاياللارغا قانداق پايدىسى بار؟

ئالدى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەر-خوتۇنلار بىر قەدەر قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلىشى، قەرەللىك ھالدا مۇناسىۋەتنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، بۇ ھېسسىياتنى كۈچەيتىپلا قالماي يەنە ئۆز ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇش يەنە ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىنىڭ سىلىقلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭ كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، جىنسىي يولنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك پايدىسى بار. لېكىن ھەددىدىن زىيادە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنە ئىككى تەرەپ يېشى، چارچاش دەرىجىسى، بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئاياللاردا ھېچقانداق ئوبيېكتىپ سەۋەب بولمىغان جىنسىي توڭلاش كۆرۈلسە بۇ بەلكىم كېسەللىكنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئاياللار مەقئەت چوڭ بېزىنىڭ بالدۇر چېكىنىشى ۋە جىنسىي يولنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر ئايدا بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولىدۇ. ئەگەر جىنسىي يول قۇرغاقلىشىپ بىئارام بولسا ئازراق سىلىقلاش مېيى سۈركەپ، قىسمەن ئەھۋالنى ياخشىلىسا بولىدۇ.

جىنسىيەت ئالاقىگە موھتاج بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاياللار جىنسىيەت جەھەتتە قانائەت ھاسىل قىلالايدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ جىنسىيەت پائالىيىتىدىكى سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى قوزغاپ ياخشى ئايلىنىش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، جىنسىي ھەۋىسىنى ئاشۇرۇشى، ئەرلەرمۇ ئايالى بىلەن بولغان يېڭىلىق تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈشى، جىنسىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا يېڭى «غىدىقلاش»نى سىناپ بېقىشى، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان خۇشاللىقلارنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-14 / 10:48:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ