ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقتوي قىلىش ئالدىدىكى قىز-يىگىتلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز---تەۋسىيە

توي قىلىش ئالدىدىكى قىز-يىگىتلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز—تەۋسىيە

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

توي كېچىسىدىكى جىنسىي ساۋات ھەققىدە ئېلىمىزدىكى گېزىت- ژۇرناللاردا خېلى كۆپ تونۇشتۇرۇشلار بولغان بولسىمۇ، قىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشقا ماسلىشالمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇشتىن باشقىسى يوق نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى توي كېچىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش دەپلا چۈشەنمەكتە ئەمەلىيەتتە، تۇنجى جىنسىي تۇرمۇشتىكى تەسىراتنىڭ ئاياللارغا بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئەر-خوتۇننىڭ تويدىن خېلى يىللار كېيىنكى مۇھەببىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ

تۇنجى جىنسىي تۇرمۇشقا ئالدىراپ-سالدىراپ كېرىشكەندە، ھەرقانچە ماھىر ئەر بولغاندىمۇ، ھەرقانچە چىن يۈرەكدىن ياخشى كۆرۈشىدىغان ئاشىق-مەشۇق بولغان تەقدىردىمۇ، بىردىنلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى تەس، بىراقلا ماس، گۈزەل بولغان مەنىۋى «جەننەت»كە كېرەلىشى تېخىمۇ تەس.

ئومۇمەن توي قىلىشقا تەمشىلىۋاتقانلار توي كېچىسى ھوجرىغا كىرگەندە ئالدىراپ-سالدىراپ تۇتۇش قىلماستىن، مۇۋاپىق ئالدىن ئۆگىنىشنى بالدۇرراق باشلىشى كېرەك. بۇنداق دېگەنلىك تويدىن بۇرۇنلا جىنسىي ئالاقە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس، چۈنكى ئەڭ مۇھىمى تۇنجى جىنسىي تۇرمۇش. ئۇ تويدىن قانچە بالدۇر بولغانسېرى «ئالدىن ئۆگىنىش» ۋاقتى، پۇرسىتى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئوبيېكتىپ شارائىتى شۇنچە ناچار بولىدۇ، ئۈنۈمىمۇ شۇنچە يامان بولىدۇ. «ئالدىن ئۆگىنىش» دېگەنلىك ئاساسلىقى ئەخلاقتا يول قويۇلىدىغان قۇچاقلاش، سۆيۈشۈش قاتارلىق يېقىنچىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئەرلەر ئۆزىنىڭ قەلبىنى ۋە ھېسسىياتىنى قانداق قىلىپ جايىدا ئىپادىلەشنى ئۈزلۈكسىز بايقاپ، بولغۇسى خوتۇنى ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك دېگەنلىك. مەسىلەن، بەزى قىزلار بۇنداق چاغدا لايىقىنىڭ توختىماي مۇھەببەت سۆزى قىلىشىنى ياقتۇرسا، بەزىلىرى ئۈن-تىنسىز ماقۇل بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى دەپ قارايدۇ. بەزىلىرى لايىقىنىڭ يەنىلا سالاپەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلسا، بەزىلىرى جاسارەتلىك ئەركىشىنى بايقاشقا ئىنتىزار بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇزاقراق ۋاقىت چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە، ئۈزلۈكسىز ماسلاشتۇرۇشقا، تەجرىبە توپلاپ ئۇنى بەلگىلىك ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشقا مۇھتاج.

بولغۇسى خوتۇنلارمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە «ئالدىن ئۆگىنىش»كە مۇھتاج بولۇپ، ئاساسلىقى نوقۇل ھېسسىياتلىق مۇھەببەتتىن جىنسىي تۇرمۇشلۇق مۇھەببەتكە مۇقەررەر ئۆزگىرىش جەريانىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاشكارىلانمىغان جىنسىي مۇھەببەت پسىخىكىسى ۋە ئېھتىياجىنى پەيدىنپەي ئەركىن قويۇۋېتىپ، جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەتنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈشى كېرەك، دېگەنلىك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئېھتىماللىقى بولغان ئاجىزلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى بايقىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە، جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەت ئەسلا زىددىيەتلىك ئەمەس. ئۇلارمۇ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا مۇھتاج، جىنسىيەت ئارقىلىق ئىپادىلىسىمۇ، ئىپادىلىگەندە پەمسىز بولسىمۇ ياكى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، ئۇلار ھەرھالدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىدۇ. ھازىر ئىنتايىن ئاز ساندىكى قىزلار جىنسىيەت جەھەتتە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتسىمۇ، كۆپ ساندىكى قىزلار كۆپ ھاللاردا مۇھەببەتنى زىيادە مەنىۋىلەشتۈرۈۋېتىپ، ئەرلەرنىڭ «بىپەرۋالىقى» ياكى «ھېسسىياتسىزلىقى»نى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەيدۇ. بۇنداق قىزلارنىڭ تۇنجى جىنسىي تۇرمۇشتىن نارازى بولۇشىغا ئۆزىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر سەۋەبچى بولىدۇ.

ئاخىرىدا، «ئەر-ئاياللارغا ساغلاملىق ئاتا قىلىپ، مۇھەببەتلىك ئائىلىگە ئۇل سېلىش» نى ئۆزىگە مۇقەددەس بۇرچ قىلغان بوغدىلىقلارنىڭ توي قىلىش ئالدىدىكى قىز-يىگىتلەرگە سۇنغان خىتابنامىسى: توي كېچىسىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشى يالغۇز ساۋاد ۋە ماھارەت مەسىلىسىلا بولماستىن، قەلب سەنئىتىنىڭ گەۋدىلىنىشى، ئادىمىيلىكنىڭ يۈكسەكلىكىدىندۇر. بىر-بىرىگە ئىشقى بارلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى، بېشىدىن ئىش ئۆتكەنلەرنىڭ يېتىشسىزلىكىنى تولۇقلىشىنى، نىكاھ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ بەخت-سائادەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.

مەنبە:شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-31 / 08:03:30

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ