ئانا سەھىپەتۇرمۇشيەرلىك رىتسىپلارئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىك رىتسىپلار

ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىك رىتسىپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىك رىتسىپلار

1. بانان. بانان «ئۇيقۇ دورىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بەدەندىكى سېروتونىن ۋە قارا پىگمېنتلارنى تۇراقلاشتۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ماگنىي ئېلېمېنتىمۇ بار.

2. جۇخار گۈلى چېيى. جۇخار گۈلى چېيىنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچسە، تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇ نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىشتىكى تەبىئىي ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.

3. ئىلمان سۈت. ئىلمان سۈت ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كالتسىي بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ترىپتوفاندىن تولۇق پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

4. ئۆرۈك مېغىزى. ئۇ ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ترىپتوفان ۋە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ماگنىي ئېلېمېنتى بار.

5. ھەسەل. ئىلمان سۈتكە ياكى خۇش پۇراق چايلارغا ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

6. بەرەنگە. ئۇ ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە ئىنتېرفېرونلارنى(كاشىلا ئېلېمېنتلىرىنى) چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈنۈمگە يېتىش ئۈچۈن، قۇرۇتۇلغان بەرەنگىنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۈت قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

7. سۇلۇ يارمىسى. سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلىغۇچى ماددىلار بولۇپ، قارا پىگمېنت ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر سىز سۇلۇ يارمىسىنى كۆپرەك چايناپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

8. تېرىق. تېرىقتا ترىپتوفان تەركىبلىرى مول بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمگە تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭە ئېھتىياجلىق ترىپتوفاننىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ. تېرىق ئۇنىدا ئەتكەن ئۇماچنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچسە، ئۇيقۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:46:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ