ۋىتامىن B1 نىڭ رولى

ۋىتامىن B1 نىڭ ئارخىپى:

باشقىچە ئاتىلىشى: تىئامىن، نېرۋا ياللۇغىغا قارشى ۋىتامىن.

تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن B1 بولسا كاربوكسىلسىزلاندۇرغۇچى كوئېنزىمنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، خولنېستېرازانىڭ ئاكتىپچىلىقىنى تورمۇزلايدۇ. ئاشقازان- ئۈچەي يولىنىڭ نورمال بولۇشى ۋە ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ ئاجرالما ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ساقلاشتا ۋىتامىن B1  نېرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىدا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ.

ۋىتامىن B1 نىڭ رولى

ئاساسلىق رولى:

بېرىبېرى كېسىلىنى داۋالايدۇ.

بېرىبېرى كېسىلى ئادەتتىكى مەنىدە ئېيتىلغان پۇت شەلۋەرەش، پۇت سېسىق پۇراش (زەمبۇرۇغ تەرىپىدىن بۇلغىنىش) ئالامىتى بولماستىن، بەلكى فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرخىل ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك كېسىلىدىن ئىبارەت.كىشىلەر بېرىبېرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، پۇت تېلىپ ئاغرىش، يۈرەك سىقىلىش، نەپەسلىنىشى قىيىنلىيشىش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا بىمارلارنىڭ ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىشىش تۈپەيلىدىن ئكلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بېرىبېرى كېسىلىنىڭ بوۋاقلاردىكى بېرىبېريى كېسىلى، قۇرۇق بېرىبېرى كېسىلى ۋە ھۆل بېرىبېرى كېسىلى، ئارىلاش بېرىبېرى كېسىلى قاتارلىق خىللىرى بار. ئۈنۈملۈك ھالدا ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تەركىبىدە ۋىتامىن B1  مول ماددىلار ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەكلىك يېڭى كۆممىنقۇناق، پۇرچاق، گۆش ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. نوقۇل ھالدا ۋىتامىن B1  ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ تولۇقلاشتا، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش لازىم.

مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ۋىتامىن B1  مېڭە، نېرۋىلارنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ناھايىتى  مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ۋىتامىن B1  نى مېڭىنىڭ ۋىتامىنى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ياخشى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى قوغداش، مېڭىنىڭ چارچىشىنى يەڭگىللىتىشكە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر.

ۋىتامىن B1  يېتىشمىسە باشقا بىرخىل مېڭە كېسەللىكى-ۋېرنىك مېڭە كېسىلى (ئۆتكۈر قاناشلىق مېڭە سۇر ماددا ياللۇغى-تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشىنى پەسەيتىدۇ.

مۇسكۇل ئاغرىشنىڭ دائىم ئۇچرايدىغىنىدىن فىزىئولوگىيىلىك ئاغرىش، ھەرىكەتتىن كېيىن مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشى ۋە مۇسكۇللارنىڭ نېرۋاياللۇغىدىن ئاغرىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلى بار.

ۋىتامىن B1  چارچاشقا قارشى تۇرۇپ، بەدەن كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى:

ۋىتامىن B1  يىنىك دەرىجىدە يېتىشمىسە كۆپ قوزغىلىدىغان نېرۋا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، غەمكىنلىك، تىت-تىت بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

سوزۇلما ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ باشقا يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلالماس بولۇپ قالغاندىمۇ ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىپادىسى نېرۋا ئۇچلىرى ياللۇغى، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىششىق، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى:

كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر ۋىتامىن B1  ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن شېكەرنى يېتەرلىك ماددا ئالماشتۇرغۇزۇپ ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

قىزىپ قالغان، قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەن، ھەرىكەىتى زىيادە ياكى مۇسكۇلىنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈدىغانلار: بۇنداق كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى ئالماشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنى يېتەرلىك مىقداردىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇلار تېخىمۇ كۆپ ۋىتامىن B1  غا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار: ئىسپىرت ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ۋىتامىن B1  نى قوبۇل قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ۋىتامىن B1  نى ئالاھىدە تولۇقلىشى زۆرۈر.

تەييار چۆپ قاتارلىق پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەر: ئەگەر بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا ۋىتامىن B1  نىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ۋىتامىن B1  نى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى زۆرۈر.

ھامىلىدار ئاياللار: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ۋىتامىن B1  ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ياشانغانلار: ياشانغانلارنىڭ ۋىتامىن B1  نى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ تۇرۇشى لازىم.

ھەمىشە ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغانلار. ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقانلار ياكى قەۋزىيەت بولغانلار. نېرۋا ياللۇغى، نېرۋا ئاغرىشقا گىرىپتار بولغانلار. كېسەل بولغان، بېسىمغا ئۇچرىغان، ھادىسىگە ئۇچرىغانلار ياكى ئوپراتسىيە قىلىنغان بىمارلار.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى:

ۋىتامىن B1  ھەرخىل تەبىئىي يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كەڭ تۈردە مەۋجۇت، لېكىن ئۇنىڭ مىقدارى يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى،  مەسىلەن: كالا، ئات، قوي قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ جىگىرى، يۈرىكى ۋە بۆرىكى تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1  نىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ.

ۋىتامىن B1  يەنە ئاشلىق زىرائەتلىرى، جۈملىدىن گۈرۈچ، بۇغداي، ئۇنى ۋە كۆپممىقۇناق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتاتلار تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن B1 مول.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى:

نورمال ئەھۋالدا، ئەگەر ۋىتامىن B1  ئىستېمال قىلىش مىقدارى كۈنىگە 5-10 گرامدىن ئېشىپ كەتسە، تىترەش، قاپارتما چىقىش، باش ئاغرىش، ئىششىق، كۆز تورلىشىش، ھارغىنلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغان ھامىلىدار ئاياللار كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، تۇققاندىن كېيىن قان توختىماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق نۇقسان يەتكۈزمەيدۇ، ۋىتامىن B1  نى ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن، بۇ ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-18 / 10:04:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ