ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارقان ئازلىققا شىپالىق رىتسىپلار

قان ئازلىققا شىپالىق رىتسىپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۆۋەندىكى قان ئازلىققا پايدىلىق قىلىدىغان شىپالىق رىتسىپلارنى بىلىۋېلىڭ

رېتسېپ : ئادەمگىياھدىن 10 ~ 15 گرام ، بايناقدىن 15 گرام ، كىرەشتىن 10 گرام ، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ، ئېيپىمىدىيۇم ئوتى ، سېرىق يۆگەي ، ئالقات ، بۇرجۇننىڭ ھەربىرىدىن 20 گرام ، دارچىندىن 3 ~ 6 گرام ، قىزىل چوغلۇقدىن 30 گرام تەييارلىنىدۇ .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى : ئادەمگىياھ ئايرىم قاينىتىلىپ قوشۇلىدۇ . باشقا دورىلارنى 900 مىللىلىتىر سۇغا ئىككى سائەت چىلىغاندىن كېيىن ، ئوتتۇراھال ئوتتا 40 مىنۇت قاينىتىلىدۇ . ئىككىنچى قېتىم 700 مىللىلىتىر سۇدا 30 مىنۇت قاينىتىلىدۇ . ئىككى قېتىملىق دورا سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بېرىلىدۇ .

تەسىرى : قان ئىشلەش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن بولغان قان ئازلىق ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازلاپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ .

رېتسېپ : قوي جىگىرىدىن 50 ~ 100 گرام ، پالەكتىن 150 ~ 200 گرامنى توغراپ ، قاينىغان سۇغا سېلىپ ، تۇز قوشۇپ قاينىتىپ ، پىشقاندا جىگەر بىلەن پالەكنى يەپ ، شورپىسى ئىچىپ بېرىلىدۇ . يەنە تۇخۇم قوشۇلسىمۇ بولىدۇ .

تەسىرى : تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان ئازلىققا مۇۋاپىق كېلىدۇ . تۆمۈر ماددىسى كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا قارىتا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

رېتسېپ : كەتىرادىن 30 گرام ، كىرەشتىن 9 گرام ، چوڭ چىلاندىن 10 دانىنى قاينىتىپ كۈندە ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلىدۇ .

تەسىرى : قان ئازلىقنى داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى .

رېتسېپ : ئالقاتتىن 30 گرامنى 2 دانە تۇخۇم بىلەن بىرگە قاينىتىپ ، تۇخۇم پىشقاندا ئېلىپ شاكىلىنى سويۇۋېتىپ ، يەنە 15 مىنۇت قاينىتىپ ، تۇخۇمنى يەپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .

تەسىرى : قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ . نېرۋا ئاجىزلىق ، قان ئازلىق ، جىگەر ياللۇغى ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە داۋا بولىدۇ .

رېتسېپ : مىخۇادوۋدىن 90 گرام ، چىلاندىن 10 دانىنى قاينىتىپ ئۇدا بىر مەزگىلگىچە ئىچىپ بەرسە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ .

رېتسېپ : چىلاندىن 10 دانە ، غاز ئوتتىن 90 گرامنى قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:05:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ