ئانا سەھىپەدوختۇرلىرىمىزنۇرمەمەت دوختۇرۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش

 静脉曲张, Varicose veins, Varis

(مەزكۈر ماقالىنى نۇرمەمەت دوختۇر رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ. رەھمەت.)

تېرە ئاستىدىكى تومۇرلار كۆك ، چوڭىيىپ كەتكەندەك، ۋە قاتلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنۈشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. گەرچە باشتا پەقەت قىسمەن قان تومۇرنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبلىك، ئاز بىر يەردىلا قان تومۇر روشەنلىشىپ ئىششىق شەكىلدە كۆرۈنۈشى مۇمكىن، ئەمما بۇ تەرەققىي قىلىۋەرسە، كېڭەيگەن قان تومۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇزىراپ، چوڭ تومۇرغىچە تۇتىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ۋە ھەتتا تومۇر يېرىلىشنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش پەيدا بولغاننىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا پەقەت كۆرۈنۈشتە ئادەمنى بىراز بىئارام قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلاپ، ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ كېڭەيگەن ئەگرى بۈگرى بولغان يەرلەردە قان ياخشى ئاقالمىسا، پۇتتا ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ قان تومۇرلاردا قان نوكچىسى شەكىللىنىپ قالسا، تومۇردا ئاغرىش ، ئىششىش، قىزىرىش، ھەتتا قىلقان تومۇرلاردا توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ قان نوكچىلىرى بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىگە بېرىپ تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئاياللاردا ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ كېسەل بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرىلايدۇ.

مەزكۈر ماقالىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا توختىلىمىز:

  1. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

  2. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

  3. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرى بارمۇ؟

  4. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش ئېغىر نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

  5. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنى قايسى بۆلۈم كۆرۈپ تەكشۈرىدۇ ۋە داۋالايدۇ؟

  6. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

  7. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

  8. ھامىلدار مەزگىلدە ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟

 

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئوتتۇرا-ياشانغان كىشىلەر، كۆپ ھامىلدارلىق ، سېمىزلىك ، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، بەزى ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ قىلىدىغان خىزمەتلەر (مەسىلەن كومپىيوتېر شۇغۇللانغۇچىلار، شوپۇرلار)، ياكى بىر كۈن ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇش، تۇغۇت چەكلەش دورىسى ۋە ھورمونلۇق داۋالاش ، تار كىيىملەرنى كىيىش ، قەۋزىيەت سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەت ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇش ، قېرىش ۋە ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ كېسەللىك ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپرەك بولىدۇ.

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ۋىنا قان تومۇر كىلاپانلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىشلىيەلمەسلىك نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ. قاننىڭ ئارقىغا يېنىپ كەتمەسلىكىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان كىلاپانلار ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغاندا، قانلار ئارقىغا يېنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇ ئارقىغا يانغان قانلار، قان تومۇرنىڭ بەزى قىسىملىرىغا كەلگەندە توپلىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە بۇ تومۇردا بېسىم ۋە ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، تومۇرنىڭ كېڭىيىدۇ ۋە بۈدۈرلۈك ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشدەك ئەھۋال، بەدەندىكى ۋىنا قان تومۇرنىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. مەسىلەن قورساق قىسىمدا، پاچاق قىسىمدا، پۇت، قوللاردا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي پاچاق ۋەيا كىچىك پۇت قىسىم. بۇ كېڭەيگەن ۋە ئەگرى بۈگرىلىك بولغان تومۇردا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ قان نوكچىسى بەدەننىڭ ھەرقايسى يېرىگە بېرىپ، تىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز ئەڭ ئەنسىرەيدىغان 3 ئورگان، مېڭە، ئۆپكە، ۋە يۈرەك. ئەلۋەتتە باشقا ئورگانلارنىڭ قان تومۇرىغا بېرىپ تىقىلىشمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن بۆرەك، جىگەر…

 

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

  1. پۇت پاچاقلاردا كۆك يېشىل ئىششىقلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئېغىر ئەھۋاللاردا تومۇرنىڭ كۆك رەڭدە ئىششىىغىنى كۆرەلەيمىز.
  2. ئاغرىق.
  3. پۇتىدىكى ئېغىرلىق ھېس قىلىش.
  4. پۇت پاچاقتا سۇلۇق ئىششىق.
  5. پۇت پاچاق ماغدۇرسىزلىنىش.
  6. قىچىشىش.
  7. تېرە رەڭگى ئۆزگىرىش.
  8. پاچاق، پۇتتا تېرە ياللۇغ پەيدا بولۇش.
  9. ئېغىر ئەھۋاللاردا قان تومۇر توسۇلۇش سەۋەبلىك پەيدا بولغان باشقا ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرى بارمۇ؟

ۋىنا قان تومۇرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ 3 چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  1. قىلقان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش
  2. تورسىمان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش
  3. چوڭ تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش

قىلقان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىشنى بەزىدە قان تومۇر ئۆسمىسىمۇ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تومۇرلار ئادەتتە قىلقان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ. ئۇلار تاشقى قىياپەتتە ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھامىلىدار ۋە ھورمون ئىشلىتىدىغان ياش ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

تورسىمان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش كۆرۈلگەندە، تومۇرلار تېرىدىن سەل يۇقىرىراق چىقىپ كۆپۈپ تۇرىدۇ ۋە كۆك رەڭدە بولۇپ ، كۆپىنچە تىزنىڭ ئارقا قىسمى ۋە پۇت بېغىش قىسمىدا كۆرۈلىدۇ.

چوڭ تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش كۆپىنچە پاچاق چوڭ تومۇرىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردە كۆرۈلگەندە، تېرىنىڭ سىرتىدىن خېلى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، ھەم يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردە پەيدا بولغان ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىشتە، يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆرۈلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئورنىغا قاراپ بىرقانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

1. پۇت پاچاق تىز ئارقىسى ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش

2. ئاشقازان ئۈچەي ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش

3. ئۇرۇقدان بېغىشى ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش

4. تاشقى جىنسىي ئەزا ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش

 

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش ئېغىر نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش بولغاندا، دەسلەپتە پەقەت كۆرۈنۈشتە بىمارنى بىئارام قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىسا، كېيىن بارا بارا يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بىمارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئېغىرراق ئەھۋاللاردا، قان تومۇر ياللۇغلىنىش، تېرە يۈزىدە ياللۇغ پەيدا بولۇش، قان تومۇرنىڭ يېرىلىشى ۋە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغان ئەھۋال، قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىگە تاراپ كېتىش. بۇنداق بولغاندا، بەدەننىڭ باشقا ئورگانلىرىدا قان تومۇر توسۇلۇش كۆرۈلسە، بۇ ئورگانلار نورمال ئىشلىيەلمەي قالىدۇ. ئۆپكىگە بارسا، نەپەستە قىيلىنىش كۆرۈلىدۇ. يۈرەككە بارسا، يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ. مېڭىگە بارسا، مېڭىگە قان چۈشۈش يەنى سەكتە پەيدا قىلىدۇ.

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنى قايسى بۆلۈم كۆرۈپ تەكشۈرىدۇ ۋە داۋالايدۇ؟

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، يۈرەك قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كۆرۈپ داۋالايدۇ.

خەنزۇچە: 心血管外科
ئىنگىلىزچە: cardiovascular surgery department
تۈركچە: kalp-damar cerrahi bölümü

 

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

ئەگرى بۈگرى كېڭىيىپ كەتكەن ۋىنا قان تومۇرنى ئوپىراتسىيە بىلەن ئېلىش ئەڭ كلاسسىك ئۇسۇل ھىساپلىنىدۇ. ئەمما ھەم خەتىرى بار ھەمدە ئوپىراتسىيە يارا يېرىنىڭ ساقيىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە يىڭنە بىلەن دورا بېرىش ئارقىلىق قاتۇرۇپ داۋالاش بار. بۇ خىل داۋالاش قىلقان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىشلەرگە بەكرەك ياخشى كېلىدۇ. ئەمما قايتىلىنىش ئىھتىماللىقىمۇ يۇقىرى.
sclerotherapy, skeleroterapi, 硬化劑治療

لازىرلىق داۋالاش. شۇ ئەگرى بۈگرى كېڭەيگەن قان تومۇر ئىچىگە نەيچە سالىدۇ، ۋە لازىر نۇرى ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ چىقىرىۋېتىدۇ.

رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق داۋالاش. بۇ خىل داۋالاشتا، رادىئو دولقۇنى نەيچىسىنى قان تومۇرغا كىرگۈزۈپ، رادىئو دولقۇنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ، ۋە ئەگرى بۈگرى بولغان قىلقان تومۇرنى كۆيدۈرۈپ چىقىرۋېتىدۇ.

ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

  1. دائىم چېنىقىپ تۇرۇش (يۈگۈرۈش ، مېڭىش ، ۋېلىسىپىت مىنىش ، سۇ ئۈزۈش، ئارقىچىلاپ مېڭىپ بېرىش، ئىتتىك مېڭىپ بېرىش)
  2. ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ ئىشلىمەسلىك. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ ئىشلسە، 30-40 مىنوتتا بىر تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىش. ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ ئىشلىسە (ماڭماي جايىدا جىم تۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ) ئاز تولا مېڭىپ بېرىش، پۇتلىرىنى سىلكىپ بېرىش، پۇت پاچىقىنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىش ، پۇتنى سوزۇپ ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىپ بېرىش كېرەك.
  3. بەك چىڭ ۋە تار كىيىملەرنى كىيمەسلىك.
  4. راھەت ئاياغنى كىيىش لازىم. ئېگىز پاشنىلىق ئاياقتىن يىراق تۇرۇش.
  5. قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش ، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. ھاجەتخانىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق.
  6. ئارشاڭغا بەك تولا چۈشمەسلىك لازىم. چۈنكى ئىسسىق سۇ قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ. بەزى كېسەللىكلەرگە پايدا قىلغان بىلەن، ۋىنا قان تومۇر كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا نورمىلىق بولسا ياخشى.
  7. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان ياكى ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان كەسىپتىكىلەر ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پايپاق ئېلىپ كېيسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
  8. ئەگرى بۈگرى كېڭەيگەن قان تومۇرنىڭ ئۈستىدىن ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. بەلكى شۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا يەرلەرنى ئۇۋۇلاپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ.
  9. نەچچە سائەتلىك ئۇزۇن يول ئاپتوبۇس، ماشىنا يولۇچىلىرى ئارىلىقتا بىر ئورنىدىن تۇرۇپ پۇت پاچاقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش لازىم.ئەگەر سىز يۇقارقى كېسە

للىك ئالامەتلىرىنىڭ بىر ياكى بىر نەچچىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىڭىز ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، مۇنتىزىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

ھامىلدار مەزگىلدە ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بەزى ھامىلدار ئاياللاردا بولىدۇ. ئەمما بىر قىتىم بولدى دىگەنلىك، شۇ يەردىكى قان تومۇرلارنىڭ تېمى نازۇك دىگەنلىك. بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقلار بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن، يوقاپ كەتكەن تەغدىردىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى ياش چوڭايغاندا باشقىلارغا قارىغاندا بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

  1. ھامىلدار جەريانىدا پۇتىنى يۇقىرىراق قويۇپ ئولتۇرۇش، ئامال بار ئاز ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇش. ياتقاندا پۇتىنىڭ ئاستىغا 1 ياستۇق قويۇپ سەل ئىگىزرەك قىلىپ يېتىش لازىم.
  2. تۇغۇتتىن كېيىن ھەرىكەت چېنىقىپ بېرىش
  3. ھامىلدار مەزگىلىدە بەك كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەتسە، يۈرەك قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرلىرى تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايپىقىنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا ئېلىپ ئىشلىتىڭ.
  4.  مەن ھامىلدار دەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇۋالماسلىق لازىم. ھەرىكەت قىلىپ بېرىش لازىم.
  5.  ھامىلدارلىق جەريانىدا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى نورمىلىق دائىرىدە كونترول قىلىش لازىم. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتسە، ھەم ۋىنا تومۇر ئەگرى بۈگرى بولۇش ئالامىتى كۆرۈلسە، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر كۆرۈپ تۇرۇپ تەۋسىيەسىنى ئېلىش لازىم.

(مەزكۈر ماقالىنى نۇرمەمەت دوختۇر رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ. رەھمەت.)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:46:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ