ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلاردا سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى

بالىلاردا سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەر بىر ئائىلىدىكى بالا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالقىنىدىكى گۆھەر؛ ھازىر گەرچە تۇرمۇش شارائىتى كۆپ ياخشى بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئاتا-ئانىلار يەنىلا ھەمىشە بالىسىغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىدا كالتسىي كەمچىل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ ھەمدە كۆپىنچە سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلۈشنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؛ بىراق دۆلىتىمىزدىكى ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئىچىدە، سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلىدىغان بالىلار ئىگىلەيدىغان نسىبەت %60 كە يىتىدىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلاردا سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلسە، ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسۈتۈشتەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
سىنىك بولسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش، مىتابولىزىم ۋە ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ؛ شۇڭا ئەگەر بالىلاردا سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىممونت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى، بالىلاردىكى سىنىك كەمچىل بولۇش، ئەمىلىيەتتە بىر ئىككى كۈندىلا شەكىللىنىپ قالمايدۇ؛ سىنىك كەمچىللىك بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئالامەتلىرى كۆرنەرلىك بولمايدۇ؛ ئەگەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىنىك كەمچىللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ بالىلاردىكى سىنىك كەمچىللىكنىڭ ئېغىر دەرىجىگە يىتىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 

ئۇنداقتا سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟

1. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق تاللايدىغان بولۇپ قېلىش

تاماق يىگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش، تاماق يىيىش مىقدارى ئازلاپ كىتىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق يىيىشنى تەلەپ قىلماسلىق قاتارلىقلار، سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ ئەڭ كۆپ كۈرۈلىدىغان ئالامەتلىرى بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ.

2. ئۇچرىغان نەرسە-كىرەكلەرنى چىشلەيدىغان ياكى غاجىلايدىغان بولۇپ قېلىش

بالىلاردا ئېغىر دەرىجىدە سىنىك كەمچىل بولۇش كۆرۈلگەندە، ئۇلاردا يەنە غەيرى نەرسە-كىرەكلەرنى چىشلەپ غاجايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ مەسىلەن، ئويۇنچۇقنى چىشلەپ غاجاش، ئۆزىنىڭ تىرنىقىنى چىشلەپ يىيىش، كىيىملەرنى چىشلەش قاتارلىقلار، بەزىلەردە ھەتتا توپا داڭگال يەيدىغان، قەغەز يەيدىغان غەلىتە ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

3. ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئاستىلايدۇ

ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا، بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق جەھەتتە ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۆلچەمگىمۇ يىتەلمەيدۇ.

4. ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ

سىنىك كەمچىل بولۇش، بالىلارنىڭ ئىممونت سېستىمىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرستىدىغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلاردا ھەمىشە زۇكام بولۇپ قىزىپ قالىدىغان، نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

5. ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشى كەينىدە قالىدۇ

سىنىك كەمچىل بولغاندا، چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرى ئازلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ دىققىتىنى يېغالماسلىق، كۆپ مىدىرلاش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئۆگىنىش ئىقتدارى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. چاچلىرىدا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ

سىنىك كەمچىل بالىلاردا چېچى شالاڭشىپ سارغىتىپ قېلىش ۋە تىرناقلىرىغا ئاق داغ چۈشۈش، جاھىل خارەكتىرلىك ھۆل تەمرەتكە، تىرە تەمرەتكىسى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى، يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ ئاز بولمىغان بالىلاردىكى سىنىك كەمچىللىك دەسلەپكى مەزگىللەردە ۋاقتىدا بايقالمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتا، قايتۇرۋىلىشقا بولمايدىغان يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك سىنىك كەمچىل بولۇش، بالىلاردا “سىنىك كەمچىللىكتىن كىلىپ چىققان بويى پاكارلىق”، ئەقلى ئىقتىدارىدا توسالغۇ كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاشپەز تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-03-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-02 / 07:08:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

2 باھالار

  1. ئانا سۈتىلا بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقان بوۋاقلارغا كالتسىي ۋە سىنىك تولۇقلاش ئۈچۈن ئانا نىمىلەرنى يېيىشى ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، 6 ئايلىق بوۋاقلار كېچە تەرلەش ئەھۋالى بەك ئېغىر بولسا، كالتسىي ياكى ۋىتامىن د كامچىللىكتىن شۈبھىلەنسىڭىز بولىدۇ. بوۋاقلارغا نورمالدا 1 ياشقا كىرگىچە تۆمۈر ۋە ۋىتامىن د تولۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئىككىسىنىڭ تامچە شەكىلدە ھازىرلانغان دورىىلىرى بولىدۇ. سىز تىزىملىتىغلىق بولغان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى دوختۇر ياكى سىستېرا بىلەن كۆرۈشۈپ مۇشۇ ئىككى دورىنى تەلەپ قىلسىڭىز، ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىدۇ ھەم بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىلقى، بويى، باش ئايلانمىسى ۋە باشتىكى سۆڭەكلەرنىڭ يېپىلىش دەرىجىسىگە قاراپ سىزگە دەسلەپكى مەسلىھىتىنى بېرەلەيدۇ. مەيلى كالتسىي، ۋىتامىن د، ياكى تۆمۈر كەمچىل بولۇپ ئالامەتلەر كۆرۈلسۇن كۆرۈلمىسۇن، بۇ ئىككى دورىنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

      ئەمما كۆپ تەرلەش چوقۇملا كالتسىي كەملىك دىگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت كىيىمنى كۆپ كەيدۈرۋېتىش، بوۋاقنىڭ ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزمىنىڭ ئىتتىك بولۇشى، بوۋاقنىڭ تەر بەزلىرىنىڭ زىيادە ئاكتىپ ئىشلىشىدىمۇ كۆپ تەرلەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

      سىنىك كامچىل بولسىمۇ بەدەندە بەزى ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى قولتۇق، تىز ئارقىسى، قۇلاق ئارقىسى تېرىلاردا يارا پەيدا بولۇش ئەھۋاللىرى.

      ئەگەر بوۋاقتا بىنورماللىق ھىس قىلسىڭىز، ياكى كۆڭلىڭىزدە بىرەر شۈبھى بولسا، بىرەر دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە بوۋاقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مەسلىھەت ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى جاۋاپ ئالالايسىز.

      بوۋاقنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تېلەكداشمەن. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ