سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ۋىتامىن ئىستېمال قىلسا دورا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ قايسى كىشىلەر ۋىتامىن ئىستېمال قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك؟
ۋىتامىن مىقدارى قانچە كۆپ بولسا جىگەرنىىڭ زەخىملىنىشى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.
ۋىتامىن بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان بىر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولسىمۇ، لېكىن قانچە كۆپ ئىستېمال قىلسا شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ، كۆپ ئىستېمال قىلسا بەدەننى زەھەرلەيدۇ.
بەزى دورىگەرلەر ۋىتامىن ئىستېمال قىلىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ۋىتامىن ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ ئاندىن جىگەرگە كىرىپ ماددا ئالماشتۇرىلىدۇ، بەدەن قوبۇل قىلغان ۋىتامىن ۋە ھاسىل بولغان مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى بىۋاسىتە جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ خىل زەخىملىنىشتە كۆپىنچە مىقدارغا تايىنىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ۋىتامىن ئىستېمال قىلىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، جىگەرنىىڭ زەخىملىنىشى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.»
ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ بەدىنىدە دورا مېتابولىزمى ئېنزىمى ياكى دورا يۆتكەش ئاقسىلى نىسبەتەن كەمچىل بولغاچقا ئاسانلا دورا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بىماردا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، دورىغا بەرداشلىق بېرەلمىسە، دورا مىقدارى دائىم ئىشلىتىلىدىغان دائىرە ئىچىدە بولسىمۇ دورا مەنبەلىك جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىگەر كېسىلى ياكى بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى ۋىتامىن ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
قانداق قىلغاندا ۋىتامىننى بىخەتەر ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ؟
ئۇزاق مۇددەت ۋىتامىن ئىستېمال قىلغاندا جىگەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈش كېرەك.
دورا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كىلىنىكىدا كۆپ خىل ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: جىگەر ئەتراپىدىكى ئورۇنلار بىئارامسىزلىنىش، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، تېرە ۋە كۆز ئېقى سارغىيىش قاتارلىق جىگەر زەخىملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ما مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ۋىتامىن ئىستېمال قىلغاندا ئەگەر بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ گۇمان قىلىنغان دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىشنى توختىتىش ھەمدە جىگەر زەخىملىنىشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىپ، جىگەرنىىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاش ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىش كېرەك.»
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورىلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 1000 خىلى بار بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغان دورىلاردىن ئانتىبىئوتىك دورىلار، قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى دورىلىرى، شېكەر ماددىسىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار، ۋىتامىن ۋە فېرمېنت تۈرىدىكى دورىلار ھەمدە جىگەردە زەھەر پەيدا قىلىدىغان جۇڭيى دورىلىرى قاتارلىقلار بار. شۇڭا مەيلى جۇڭيى تېبابىتى دورىسى ياكى غەرب تېبابىتى دورىسى بولسۇن ناچار تەسىرىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، جىگەر ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، جىگەرنىڭ زەخىملىنىشىنى بالدۇر بايقىۋېلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/01/18500324.shtml