مىنېرال ماددا خلورنىڭ ئارخىپى
ئېلېمنېت بەلگسى: CL
تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
خلور ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق مىنېرال ماددا، خلورنىڭ ناترىي، كالىيلار بىلەن ھاسىل قىلغان بىرىكمىلىرى بەدەندە قاننىڭ ساغلاملىقىغا قارىتا كۆپ خىل رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ئاساسلىق رولى
ناترىي، كالىي بىلەن تەڭ دەرىجىدە مۇھىم بولغان خلور، كۆپىنچە ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇققا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى بەدەندىكى سۇنىڭ ۋە كىسلاتا-ئىشقارلىق قىممىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ھەمدە ھۈجەيرە دىۋارىنىڭ ئوسموتىك بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، نورمال سۇ مىقدارىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
خلور ئاشقازان كىسلاتاسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق تەركىبلەرنىڭ بىرى، يېتەرلىك ئاشقازان كىسلاتاسى بولغاندىلا، ئاندىن ئاشقازان ئىچىدە مۇئەييەن كىسلاتالىق ساقلىنىپ، ئاقسىلنى ھەزىم قىلىدىغان ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتى رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق خلور ئىستېمال قىلسىمۇ ھەزىم قىلىشقا ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ ئارىسىدىكى زىيانلىق باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.
مۇسكۇلنىڭ سېزىمچانلىق ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ، بەدەننىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ساقالايدۇ.
خلور ناترىي، كالىيلارغا ئوخشاشلا ئېلېكترولىت رولىغا ئىگە بولۇپ، جىگەرنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ، بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭدەك قاننىڭ كاربون 4 ئوكسىدنى ئۆپكىگە توشۇپ ئاپىرىشىغا ھەمكارلىشىدۇ، ئاقسىل، ۋىتامىن B12 ۋە تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
نەپەسلىنىش ئاستىلايدۇ، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، قورساق ئېسىلىدۇ، قول-پۇت ئۇيۇشىدۇ، باش قايىدۇ، مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ياخشى بولمايدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
چاچ، چىشلار ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
ئاشقازان كىسلاتاسى يېتەرسىزلەر:
ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ھەم دائىم ككپ تەرلەيدىغانلار:
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
خەيدەي قاتارلىق دېڭىز يۈسۈنى تۈرىدىكىلەر، چاي، ئاش تۇزى، زەيتۇن قاتارلىقلار.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
ئادەتتە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى نورمال بولسىلا، بەدەن خلور مىقدارىنى نورمال تەڭشەپ تۇرالايدۇ، شۇڭا ئادەتتە خلور ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقمايدۇ. لېكىن ئىستېمال قىلىش مىقدارى 15 گرامدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا تۆۋەنكى ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن:
كىسلاتادىن زەھەرلىنىش.
نەپەس قىستاش.
بەدەندىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق قىممىتى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تەركىبىدە ۋىتامىن E بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم، چۈنكى قېتىق، پىشلاق ئۈچەيدىكى خلور تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن پايدىلىق باكتېرىيىلەرنى تولۇقلايدۇ، ۋىتامىن E بولسا خلور تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلغان بۆلەكلەرنى تولۇقلايدۇ.
كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى
خلور ئاش تۇزى ۋە سۇدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، پەقەت سۇ ۋە ئاش تۇزىنى نورمال ئىستېمال قىلسىلا، ئادەتتە خلورنى نورمىدىن تاشقىرى تولۇقلاش ھاجەتسىز.
مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى