ۋىتامىن C كەم بولسا قان بۇزۇلۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان بۇزۇلۇش كېسىلى بوۋاقلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بوۋاقنىڭ پۇت–قولى ئىششىپ ئاغرىيدۇ، يەرلىك ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، ئەمما قىزارمايدۇ، بۇ كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يوتا تېشىغا، پاچاق ئىچىگە ئېگىلىپ، پاقىغا ئوخشاپ قالىدۇ، يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ، ئاغرىيدىغان بولغاچقا، پۇتىغا باشقىلارنىڭ تېگىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ، بىرەر ئادەمنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسە قورقۇپ يىغلايدۇ، سۆڭەك پەردە ئاستى قانىغان بولغاچقا، پۇت ئىششىيدۇ، قوۋۇرغا ۋە كۆمۈرچەكنىڭ تۇتاشقان جايىدا ئۇستىخان بۇرتۇپ چىقىپ، قان بۇزۇلۇش كېسىلى شارچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چىش يىلتىزى، بۇرۇن، كۆز چانىقىنىڭ ئاستىدىن قان چىقىدۇ ۋە قان سىيىدۇ، پۇت–قولنى رېنتگېندە تەكشۈرگەندە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دىئاگنوز قويۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە. ۋىتامىن C نى كۈنىگە 30–50 مىللىگرام ئىستېمال قىلسا نورمال بولىدۇ.
يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ يېتەرسىزلىكى قان بۇزۇلۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرى قىش پەسلى كۆكتات ۋە مېۋە ئاز، بولۇپمۇ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ قىش ئاخىرلىشىپ باھار باشلانغان ۋاقىتلىرىدا بالىلاردىكى ۋىتامىن C كەملىك ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ سۈنئىي ئۇسۇلدا باققان بالىلاردا ئېغىر بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىدا ۋىتامىن C كەم بولمايدۇ.
چۈنكى ئانا يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە يەيدۇ، 100 مىللىلېتىر ئانا سۈتىدە 4–7 مىللىگرام ۋىتامىن C بولۇپ، كالا سۈتىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئانا سۈتىنىڭ پەقەت 4/1 گە توغرا كېلىدۇ. كالا سۈتىنى ساقلاش، سۇيۇلدۇرۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق جەريانلاردا ۋىتامىن C ئاساسەن خوراپ تۈگەيدۇ.
شۇڭا، كالا سۈتى، قوي سۈتى، سۈت پاراشوكى قاتارلىقلار بىلەن باققان بالىغا ۋاقتىدا ۋىتامىن C تولۇقلاپ بەرمىسە ياكى مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات سۈيى بەرمىسە، قان بۇزۇلۇش كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.