يېقىندا ياپونىيە ئالىملىرى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەرەققىياتتا ئېگە بولغان بارلىق قان تىپى بىلەن ماس كېلىدىغان بىر خىل سۈنئىي قان سەپلىمە مەھسۇلاتىنى ئىجاد قىلدى. بۇ خىل ھەممىباپ قان مەھسۇلاتى، پۈتۈن دۇنيادىكى سەھىيە ساھەسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش، قان بېرىش داۋالاش پەرۋىشىنى ئۈزۈل-كېسىل غەمدىن خالاس قىلىشى مۇمكىن.
بۇ سۈنئىي قان ئىشلەش تېخنىكىسىنى نارا تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ( Nara Medical University ) تەتقىقاتچىلىرى ئېلىپ بارغان ھەمدە 2024-يىلى 7-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ياپونىيەنىڭ بىيولوگىيەلىك مېدىتسىنا قۇرۇلۇشى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن زور ئىلگىرىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ خىل سۈنئىي قان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن قاندىن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان قىزىل قان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن ۋەيا گېموگلوبىن) دىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان بولۇپ، گېموگلوبىن سېنتىزلەندۈرۈپ تەييارلانغان مايلىق پەردىگە ئورالغۇزۇپ، ۋىرۇسسىز قىزىل قان ھۈجەيرىسى شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇ خىل يېڭى سۈنئىي قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزىدە قان تىپى بەلگىسى بولمىغاچقا، ئۇنىۋېرسال ماسلىشىشچانلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە يەنى ھەممىباپ قان بولۇپ، قان سالغاندا قان تىپى ماسلاشماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
بۇ خىل سۈنئىي قاننىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇن بولىدىكەن. سوغۇق ساقلاشقا ئېھتىياجلىق ھەم ساقلاش مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولغان ئەنئەنىۋى قانغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ خىل سۈنئىي قاننى نورمال ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ئىككى يىل ساقلىغىلى بولىدىكەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئاپەت رايونى، چەت-ياقا رايونلار ۋە ھەربىي ھەرىكەتتە ئالاھىدە پايدىلىق بولۇپ، بۇ جايلاردا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قان ساقلاش ۋە يۆتكەشتە سوغۇق زەنجىردە ساقلاش ۋە يۆتكەش، ۋاقىت مەسىلىسى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، بۇ يېڭى تىپتىكى سۈنئىي قان ئىنتايىن ماس كېلىدىغان بىر تاللاش بولۇش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
بۇ سۈنئىي قاننى كىلىنىكىلىق داۋالاشقا تەجرىبە شەكىلدە ئېلىپ كىرىش 2025-يىلى ئەتىيازدا باشلانغان بولۇپ، ئەگەر سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ياپونىيە 2030-يىلى سۈنئىي قاننى داۋالاشقا ئىشلەتكەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. سۈنئىي ئۇنىۋېرسال قان تەرەققىياتى جىددىي قۇتقۇزۇش ساھەسىدىكى قانغا بولغان ئىھتىياجىغا يېڭى ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ بىمارغا جىددىي قان بېرىشكە توغرا كەلگەندە ئۇيغۇن بولغان قان تاپالماسلىقتەك ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھەل بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇنىۋېرسال قان مەھسۇلاتى دۇنيادىكى بەزى رايونلاردا كۆرۈلۈۋاتقان نوپۇسنىڭ قېرىشى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان قانغا بولغان ئىھتىياجىغا ھەلقىلغۇچ رول ئوينىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.